باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

توقسۇ ناھىيەسىنڭ توقسۇ بازىرىدا «پۇقرالار دۆلەت تىلىدا ھېكايە سۆزلەپ، 19-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋېلىش» مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

2017.09.20 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (توقسۇ ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن: ئامانگۈل گايىت، ۋاڭ جۈن خەۋىرى) 9-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ توقسۇ بازىرى يۇلتۇز كوچا مەھەللىسىدە «19-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋېلىش بۇيىچە پۇقرالار دۆلەت تىلىدا ھېكايە سۆزلەش مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزدى.

  توقسۇ بازىرىنىڭ ھەر قايسى مەھەللىسىدىن كەلگەن 12 ماھىر ئايرىم - ئايرىم دۆلەت تىلىدا ئۆزىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ۋەتەننى سۆيۈش، كەسىپنى قەدىرلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھېكايىلەرنى جانلىق پاكىت، چىن ئىشتىياقى بىلەن سۆزلەپ، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  توقسۇ ناھىيەسى توقسۇ بازىرى يۇلتۇز كوچا مەھەللىسىدىن نۇرىمان ئىسلام مۇنداق دىدى: بۈگۈن مەن يۇلتۇز كوچا مەھەللىسىدە ئويۇشتۇرۇلغان «19-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋېلىش بۇيىچە پۇقرالار دۆلەت تىلىدا ھېكايە سۆزلەش مۇسابىقىسى»گە قاتنىشىپ، ئۆزۈمنىڭ دۆلەت تىلى سەۋىيەمنىڭ خېلى ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق تىرىشىپ، ئۆزۈمنىڭ دۆلەت تىلى سەۋىيەمنى يۇقىرى كۆتىرىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ياراملىق ئىزباسارلىرىدىن بولۇپ چىقىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن».

  توقسۇ ناھىيەسى توقسۇ بازىرى يۇلتۇز كوچا مەھەللىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ شياڭ مۇنداق دىدى: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى قوللىنىشى ئەمەلىيەتتە ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ھازىرقى زامان مەدەنىيەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم. نۆۋەتتە، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن ۋەزىيەتتە، ھەر مىللەت ئاممىسى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىپ، تېخىمۇ پىششىق ئىگىلىسە پەن-تېخنىكا بىلىملىرى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىشتا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر