باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

2017.09.20 16:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقى 19-سېنتەبىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، "يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت كەسىپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر"گە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  يېقىندا، يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقى دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىشىپ، ئاساسىي قاتلاملاردىكى يېزىلار ۋە يېڭىچە يېزا ئىگىلىكى تىجارەت گەۋدىلىرىنىڭ پىكرىنى ئېلىش ۋە چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، مەۋقەنى يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە كۆلەملەشكەن تىجارەت جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قارىتىپ، يۇقىرىقى پىكىرنى ئېلان قىلدى.

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يېزا ئىقتىساد تۈزۈلمىسى ۋە تىجارەت باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ خۇڭيۈ مۇنداق دېدى: پىكىردە يېزىلاردىكى دېھقانلارنىڭ ئۈمىدى چۆرىدىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا تۈرلۈك مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى قانداق كېڭەيتىش، مۇلازىمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ۋەزىپە تاپشۇرۇلدى، كونكرېت تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، پىكىر بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم ھۆججەت.

  جاڭ خۇڭيۈ مۇنداق دېدى: پىكىردە نەزەر زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ۋە ئۇزاق مەزگىلدىكى نىشانىغا تاشلىنىپ، يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەتچىلىكى تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسى يۆلىنىشى ۋە قۇرۇلمىسى سىستېمىلىق پىلانلاندى، بۇ ئېلىمىزنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر