باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل» ناملىق چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي ئىشلەنمەكتە

2017.09.20 16:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ئومۇمىيۈزلۈك تەشۋىق قىلىش ۋە نامايەن قىلىش، كادىرلار ۋە ئاممىنى ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشقا يېتەكلەش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم بېيجىڭدا بىرلىكتە " جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل" نامىلىق چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىدىغان بولدى. ھازىر تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي ئىشلەنمەكتە، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

  كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا مەسئۇل يولداش مۇنداق دېدى: چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىدە باش شۇجى شىجىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ، بەشنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تۆت ئومۇمىيۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭكەش ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى نامايەن قىلىنىدۇ، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئادەتتىن تاشقىرى ئەقىل پاراسىتى ۋە ئاجايىپ ئىقتىدارى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر ۋە ھەقىقىي ئېرىشكەن بەخت تۇيغۇسى، كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى خوشال-خورام كۈتۈۋېلىشتەك ياخشى روھى قىياپىتى تەشۋىق قىلىنىدۇ ۋە نامايەن قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر