باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۆپ خىل تەدبىرلەر بىلەن يېڭى كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلدى

2017.09.20 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (توقسۇ ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن: سىدىق مىجىت، ئەركىن جۈمە خەۋىرى) بۇ يىل توقسۇ ناھىيەسى قوش تىل يەسلى ئوقۇتقۇچىسىدىن 256نى ۋە ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىسىدىن 160نى تەكلىپ قىلدى، ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەشتىن كېيىن بۇ ئوقۇتقۇچىلار توقسۇ ناھىيەسىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرگە ئىشقا چۈشتى.

  توقسۇ ناھىيەسى ئازادە خىزمەت مۇھىتى، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ قاتارلىق شارائىتلارنى ھازىرلاپ، يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىدى .

  بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن ماۋ جىنخۇڭ ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى بىلەن گەنسۇدىن شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلغان بۇلۇپ، شىنجاڭغا كەلگىنىگە يېرىم يىل بولمىغان ۋاقىت ئىچىدە، بۇ يەردىكى مېھماندوست ئامما، مەززىلىك تائاملار ئۇنىڭغا بىر خىل ئائىلە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

  توقسۇ ناھىيەسى تاشئېرىق يېزىلىق يەسلىنىڭ ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىسى ماۋ جىنخۇڭ مۇنداق دىدى: شىنجاڭغا كېلىشتىن بۇرۇن شىنجاڭغا بولغان چۈشەنچەم ئانچە چوڭقۇر ئەمەس ئىدى، شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن بۇ يەردە يېمەك - ئىچمەكنىڭ بەك كۆپلىكىنى، شىنجاڭ خەلقىنىڭ ناھايىتى قىزغىن، مېھماندوست ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم . ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن بالىلارنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن مېنى ئۆيىگە مېھمان بۇلۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ. دۆلەتنىڭ مائارىپ سىياسەتلىرى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. مەن شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ بارغانسېرى يۈكسىلىشىگە ھەمدە بۇ يەردە ئىزچىل تۇرۇشۇمغا ئىشەنچىم بار .

  بۇ يىل توقسۇ ناھىيەسى 132 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 59 قوش تىل يەسلىسى سالدى. ناھىيەدىكى يەسلىلەرنىڭ مۇھىتى، شارائىتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلاندى، ئوقۇتۇش سۈپىتى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىلە، يېڭى كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارغا ئازادە خىزمەت مۇھىتى، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ قاتارلىق ئەۋزەل شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ خاتىرىجەم خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

  توقسۇ ناھىيەسى تاشئېرىق يېزىلىق يەسلىنىڭ ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىسى ماۋ جىنخۇڭ مۇنداق دىدى: بىزنىڭ مائاشىمىز 3500 يۈەن ئەتراپىدا، ياتاق-تاماق ھەقسىز، تامىقى ناھايىتى يېيىشلىك، ياتاق شارائىتىمىزمۇ ناھايىتى ياخشى، ئىككى ئادەم بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئىككى ھۇجرا، بىر مېھمانخانا، بىر تازىلىق ئۆيى بار. يەسلىنىڭ شارائىتىمۇ ناھايىتى ياخشى بۇلۇپ، ئىچىدىكى ئۈسكۈنىلىرى ناھايىتى ئىلغار. مېنىڭ شىنجاڭدا مەڭگۈ يىلتىز تارتىپ قالغۇم بار، مەن شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشىمەن.

  توقسۇ ناھىيەسى بۇ يىل مەخسۇس مەبلەغنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشىنى ۋاقتىدا تولۇق تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائاشى ۋە قوشۇمچە ياردەم پۇلىنى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججىتىدىكى ئۆلچەم بويىچە قاتتىق ئىجرا قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر