باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇپ چىقايلى

2017.09.20 14:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ ۋە مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپلار، ئىلغار شەخسلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سېپىدىكىلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن تارىخىي بۇرچنى ئەتراپلىق كۆرسىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك جەمئىيەت ئىدارە قىلىش يولىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇش، ئەقلىيلەشتۈرۈش، قانۇنلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ-تەرتىپلىك بولۇشى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سېپىدىكى كادىرلار، خىزمەتچىلەرگە بولغان چوڭقۇر غەمخورلۇق ئىپادىلەنگەن، ئۇلارغا جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇشتەك سەمىمىي ئۈمىدى يۈكلەنگەن بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى تۈپ قوللانمىغا ئىگە قىلدى.

  تەرەققىيات-چىڭ قائىدە، مۇقىملىقمۇ چىڭ قائىدە. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساس قۇرۇلۇشى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سېپىدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىپ، بىر قولدا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشنى، بىر قولدا ئاساس سېلىش، كەلگۈسىنى كۆزلەشنى چىڭ تۇتۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى-تەپەككۇرى، تۈزۈلمە-مېخانىزمى، ئۇسۇل-ۋاسىتىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان زور بىر تۈركۈم گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە رازىمەنلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر