باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئىسرائىلىيەدىكى تۇنجى مەڭگۈلۈك ھەربىي بازىسىنى قوزغاتتى

2017.09.20 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى ھاۋا مۇداپىئە شىسىنىڭ مەسئۇلى زۋىكا خايىموۋىچ 18-سېنتەبىر: ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا ئىسرائىلىيە ھاۋا مۇداپىئە مەكتىپىدە، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى تۇنجى مەڭگۈلۈك ھەربىي بازىسىنى قوزغىتىشنى قارار قىلدى، دېدى.

  خايىموۋىچ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىدا ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى تۇنجى ھەربىي بازىسىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە-ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ئىككى يىل زىچ ھەمكارلاشتى، ھەربىي بازىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى پات ئارىدا ياسىلىپ بولىدۇ، شۇ چاغدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئۇزۇن مەزگىل بۇ بازىدا تۇرالايدۇ.

  خايىموۋىچ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەدە ھەربىي ھەرىكەتكە قاتنىشىدىغان ياكى قاتناشمايدىغانلىقىنى ئاشكارلىمىدى.

  ئىسرائىلىيە ھەربىي تەرەپنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا ئىزچىل تۈردە ھاۋا مۇداپىئە ھەمكارلىقى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى ھەمكارلىقنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان ئورتاق پىلانلاپ، مانېۋىر ۋە مەشىق قىلىپ كەلگەن. تەھلىلچىلەر: ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا ئىراننىڭ تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان سنارەد پىلانىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىدۇ، بۇ ھەرىكىتى ئىران تەرەپتىكى ھەربىي ھەرىكەتنى نازارەت قىلىش ھەم ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈندۇر، دەپ قارىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر