باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۇ جېڭشېڭ 14-نۆۋەتلىك دۇنيا جۇڭگولۇق سودىگەرلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى

2017.09.18 15:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  14-نۆۋەتلىك دۇنيا جۇڭگولۇق سودىگەرلەر يىغىنى تۈنۈگۈن بېرمىدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۇ جېڭشېڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  يۇ جېڭشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى جۇڭگولۇق سودىگەرلەر ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۈچلەر شۇنداقلا ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەت بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۆۋرۈك ۋە تۈگۈن، جۇڭگولۇق سودىگەرلەر ماھىرلىق بىلەن پۇل تېپىش، ئۆم بولۇپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئىناق ئۆتۈپ تەڭ نەپ ئېلىش ئىدىيەسىنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، يەر شارى بويىچە ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش سەھنىسىدە دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنى چۈشىنىشىگە مۇھىم روجەك ھازىرلاپ بەردى.

  يۇ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيا جۇڭگولۇق سودىگەرلەر يىغىنى 1991-يىلى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەندىن بېرى باشتىن ئاخىرى سودىگەرلىك ئوبرازىنى ساقلاش، جۇڭخۇا مىللىتى مەدەنىيىتىنى نۇرلاندۇرۇش باش مەقسىتىگە ئەمەل قىلىپ، ھەرقايسى ئەللەردىكى سودا جەمئىيەتلىرى ۋە كارخانىچىلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا يەر شارىدىكى جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنى ئۇيۇشتۇرىدىغان، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنىڭ ئوبرازىنى نامايەن قىلىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم سەھنىگە ئايلاندى.

  يۇ جېڭشېڭ جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنىڭ پۇرسەتنى تۇتۇپ، ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا ئىشلىرىنى تېخىمۇ راۋاج تاپقۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگو خەلقى بىلەن دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ چۈشىنىشى، دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر