باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭ گامبىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2017.09.19 15:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا گامبىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى دېندۇن بىلەن سۆھبەتلەشتى. جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى گامبىيە خەلق پارلامېنتى بىلەن تەڭ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىجابىي تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. بىرىنچى، سىياسىيدىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەش. سىياسىيدىكى ئۆزئارا ئىشىنىش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى. ئىككىنچى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قوللاش. جۇڭگو بىلەن گامبىيەنىڭ دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور، ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىشەنچلىك قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشى ۋە سىياسەت جەھەتتىن كۈچلۈك قوللىشى كېرەك. ئۈچىنچى، تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش. گامبىيە دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك مۈشكۈل ۋەزىپىگە دۇچ كەلمەكتە. تۆتىنچى، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

  دېىندۇن مۇنداق دېدى: گامبىيە جۇڭگو بىلەن بولغان قېرىنداشلارچە دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، گامبىيە خەلق پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىشى، كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر