باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى ئېلىندى

2017.09.19 15:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2017-يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى 16-، 17-سېنتەبىر مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىندى، بۇ بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان دۆلەتلىك قانۇن كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانىنى رەسمىي يولغا قويۇشتىن ئىلگىرىكى ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئەدلىيە ئىمتىھانى.

  قانۇن كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانىنى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئېلىمىز «دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئەدلىيە ئىمتىھانى»نى «بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان دۆلەتلىك قانۇن كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانى»غا ئۆزگەرتتى. ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا تېگىشلىكلەر سودىيە، پىروكۇرور، ئادۋوكات، جامائەت گۇۋاھچىلىرىدىن مەمۇرىي جازانى قارارىنى بېكىتكۈچىلەر، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچىلار، مەمۇرىي كېسىم چىقارغۇچىلار ھەمدە قانۇن مەسلىھەتچىلىرى، قانۇن تۈرىدىكى كېسىم چىقارغۇچىلارغا كېڭەيتىلدى.

  ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى كېيىنكى قەدەمدە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى قانۇن ۋە ئىسلاھاتقا ئالاقىدار پىكىردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن ماسلىشىپ، بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان دۆلەتلىك قانۇن كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانىنى ئېلىش چارىسىنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، تىزىملاتقۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخى شەرتى، ئىمتىھان ئۇسۇلى، ئىمتىھان مەزمۇنى قاتارلىقلار ھەققىدە تەپسىلىي بەلگىلىمە چىقىرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر