باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

8-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 3859 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2017.09.19 15:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 8-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 3859 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، 5419 ئادەم بىر تەرەپ قىلىنغان، 4012 ئادەمگە پارتىيە ئىنتىزامى ۋە سىياسىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەن.

  پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، 139 مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنى، 98 مەركەز كارخانىسى، 15 مەركەز پۇل-مۇئامىلە كارخانىسىدا مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئايدا دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورناتتى.

  تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەسىلىلەردىن قارىغاندا، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تولۇقلىما ۋە پاراۋانلىق تارقىتىش مەسىلىسى 940، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات ۋە پۇل قوبۇل قىلىش مەسىلىسى 819، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى سەپلەش ۋە ئىشلىتىش مەسىلىسى 624، توي-تۆكۈن ۋە نەزىر چىراغلارنى كاتتا ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى 441، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئومۇمنىڭ پۇلىغا يەپ-ئىچىش مەسىلىسى 474، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ مېھمان كۈتۈش، ئومۇمنىڭ پۇلى ئارقىلىق يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرى قاتنىشىش ياكى تەمىنلەش، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئارامخانىلارغا بېرىش، رەھبىرىي كادىرلار تۇرالغۇسىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ بۇلۇش مەسىلىسى 209، ئومۇمنىڭ پۇلىغا ساياھەتكە چىقىش مەسىلىسى 270، بەلگىلىمىگە خىلاپ بىنا سېلىش مەسىلىسى 82 ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر