باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا يېزا بازار ئاساسى قاتلام تەشكىلاتى بازىسى قۇرۇلماقتا، پارتىيە ئەزالىرى نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رول ئوينىماقتا

2017.09.19 15:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېزا بازار ئاساسى قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەل رايىنى ئىگىلەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش كەنت ، مەھەللىلەردە تۇرۇش خىزمىتىنى ئاساسى گەۋدە قىلىپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، 4 تۈركۈمدە 40مىڭدىن ئارتۇق خىزمەت ئەترىتى، 270مىڭ دىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىرنى ئونمىڭ كەنت، مەھەللىدە تۇرۇشقا ئەۋەتىپ، ئاساسى قاتلام تەشكىلاتى بازىسى قۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى ساپلاشتۇردى ۋە زورايتتى، ئاساسى قاتلام تەشكىلاتىنىڭ ھاياتى كۈچى ئاشتى ، پارتىيە ئەزالىرى نەمۇنىلىك رول ئوينىدى.

  يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ پىڭدىڭشەن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسى بىرلىشىپ ئاساسى تېمىلىق پائالىيەت ئۆتكۈزدى، ھەرمىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىتتىپاقلىق، دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ھەققىدە كەڭ كۇشادە پاراڭلاشتى.

  پىڭدىڭشەن مەھەللىسى كۆپ مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، سىرتتىن كەلگەن نوپۇس كۆپ، نوپۇس يۆتكىلىشچانلىقى يۇقىرى، باشقۇرۇش قىيىن مەھەللە، ئەل رايىنى ئىگىلەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش خىزمەت ئەترىتى مەھەللىگە كىرگەندىن كېيىن مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن بىرلىشىپ ئاساسى قاتلام مۇلازىمىتى تىپىدىكى پارتىيە تەشكىلاتى بەرپا قىلدى، ھەمدە ئائىلىمۇ ئائىلە كىرىپ ئاممىنىڭ تەلىپىنى ئىگەللىدى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش سىنىپلىرىنى، مەھەللە يەسلىسى، ياشانغانلار ئاشخانىسى قاتارلىق ئەلگە قولاي مۇلازىمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، مەھەللىدىكى 100 نەچچە ھەر مىللەت پارتىيە ئەزاسىنى يېتەكلەپ، تۈرلۈك تەشۋىقات، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىدى، چىن مۇھەببەت بىلەن سەمىمىي قىلىنغان مۇلازىمەت پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇردى، مەھەللىنى ئىناق مۇقىم چوڭ ئائىلىگە ئايلاندۇردى.

  پىڭدىڭشەن مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بەي لى مۇنداق دېدى: بۈگۈن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر ئائىلە ئاساسى تېمىسىدىكى پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ، بىز ھەر ئايدا بىر قېتىم ئاساسى تېمىلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈۋاتىمىز، خىزمەت ئەترىتى مەھەللىمىزگە كەلگەندىن كېيىن بىزنىڭ ئاساسى قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىزگە ياردەم بەردى، بىزنىڭ ياچېيكىمىز، مەھەللىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

  ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى تۆۋەنكى مەكىت كەنتى ئىلگىرى ئاساسى قاتلام تەشكىلاتى ئاجىز، چېچىلاڭغۇ كەنت ئىدى، كەنتكە خىزمەت ئەترىتى كىرگەندىن كېيىن كەنتتىكى ئىككى كومىتېت رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 6 ئەزاسى، كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ 11 تايانچ كادىرىنى تەڭشىدى، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى تەرز يەتكۈزگەن 8 پارتىيەلىك كادىرنى بىر تەرەپ قىلدى ھەمدە ئوتتۇرا ۋە ياش پارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرىدىن 100دىن كۆپرەك كىشىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئابرۇيىنى تىكلىدى، پارتىيەگە كىرگۈچى ئاكتىپ كۈچلەردىن ئەمەر قۇربان مۇنداق دېدى: كەنتتە بۇنچە كۆپ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى كۆرۈپ، پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقىم ئېشىپ، پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى يازدىم، بالدۇرراق پارتىيەگە كىرىشنى، جەمئىيەتتە بىر كىشىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئېلىشنى، بىز كىشىلىك كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بۈگۈنكى كۈندە تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا يېزا، كەنت مەھەللىلەردە ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە، ئاساسى قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نەمۇنىلىك، يېتەكچىلىك رولى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى تۆۋەنكى مەكىت كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، كەنتنىڭ بىرىنچى شۇجىسى جاۋ چۇمىڭ مۇنداق دېدى: بۇ بىرقانچە يىلدا ئەل رايىنى ئىگىلەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىدە باشتىن ئاخىرى ئاساسى قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىر مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بىز بۇ بازىنى قەتئىي ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىز لازىم، ھەر بىر كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسىدا پارتىيە تەشكىلاتى بولۇشى، پارتىيەلىك كادىرلار شۇ جايدا خىزمەت قىلىپ ئاممىنى پارتىيە ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئاممىنى گۈزەل ھاللىق تۇرمۇش يولىغا باشلىغىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر