باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنياڭ ھاۋا مۇداپىئەسى سىگنالىنى ياڭراتتى

2017.09.19 15:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن سائەت 9دىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە شىنياڭ ھاۋا مۇداپىئەسى سىگنالىنى ياڭراتتى، يولدا كېتىۋاتقان ماشىنىلار توختاپ، سىگنال بېرىپ، كىشىلەرنى ۋەتەننىڭ ئار-نومۇسىنى ئۇنۇتماي، جۇڭخۇا ئېلىنى گۈللەندۈرۈشكە چاقىردى. لياۋنىڭدىكى باشقا 13 شەھەرمۇ شۇ بىر ۋاقىتتا ھاۋا مۇداپىئەسى سىگنالىنى ياڭرىتىپ، ۋەتەن بېشىغا ئاپەت كەلگەن كۈننى بىرلىكتە خاتىرىلىدى. تۈنۈگۈن سائەت 9دىن ئاشقاندا، لياۋنىڭنىڭ پارتىيە، سىياسىي، ئارمىيە، خەلق، ئىلىم قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر 18-سېنتەبىر تارىخ مۇزېيىنىڭ كەمتۈك تارىخ مۇنارى مەيدانىدا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. تۈنۈگۈن "شەرقىي شىمالدىكى ئارمىيە خەلقنىڭ 14 يىللىق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى تارىخىي كۆرگەزمىسى" 18-سېنتەبىر تارىخ مۇزېيىدا باشلاندى، 240 پارچە قىممەتلىك تارىخىي سۈرەت شەرقىي شىمالنىڭ 14 يىللىق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ جاپالىق مۇساپىسىنى قايتا نامايەن قىلدى.

  تۈنۈگۈن، جايلار تارىخنى ئۇنۇتماي، غەيرەت بىلەن ئىلگىرىلەش تېمىسىدىكى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو سىياسىي كېڭەش تارىخ-مەدەنىيەت سارىيى، جىلىن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش، ئۆلكىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان "ئورتاق بولغان ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش - چەتئەللەردىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرىدىن يىغقان جۇڭگوغا ياردەم بېرىش تارىخىي ماتېرىياللىرى كۆرگەزمىسى" جىلىننىڭ چاڭچۈن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمىدە دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەردىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا ئالاقىدار نۇرغۇن تارىخىي سۈرەتلەر، بويۇملار كۆرگەزمە قىلىندى. خاربىن ھاۋا مۇداپىئەسى سىگنالى چېلىپ، كىشىلەرنى ۋەتەننىڭ ئار-نومۇسنى ئۇنۇتماي، خاتىرجەم شارائىتتا تۇرغاندا، خەۋپ-خەتەرنىمۇ ئويلاپ قويۇشقا ئەسكەرتتى. خاربىن شەھەر ئاھالىسى ئۆزلۈكىدىن شەرقىي-شىمال قەھرىمانلار خاتىرە سارىيى، شەرقىي-شىمال ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى مۇزېيىغا بېرىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئالدى، ئىگىلىنىشچە، تۈنۈگۈن بۇ ئىككى سارايغا بارغانلار 2800 ئادەم قېتىمدىن ئاشقان. تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدە قازا قىلغان قېرىنداشلار خاتىرە سارىيىنىڭ خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن ئامما ۋەكىللىرى يىغىلىش مەيدانىدا تىنچلىق قوڭغۇرىقىنى ياڭرىتىپ، قازا قىلغان قېرىنداشلارنى ياد ئەتتى، مەڭگۈلۈك تىنچلىقنى تىلىدى. جياڭسۇ ئۆلكىسى ھاۋا مۇداپىئەسى سىگنالىنى سىناق چېلىپ، شەھەر ئاھالىسىنى ئەجدادلارنى ياد ئېتىپ، ۋەتەننىڭ ئار-نومۇسىنى ئۇنۇتماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. خېبېينىڭ ھەر قايسى جايلىرىمۇ باش تېمىلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، كىشىلەرنى تارىخنى ئېسىدىن چىقارماي، ۋەتەننىڭ ئار-نومۇسىنى ئۇنۇتماسلىققا ئەسكەرتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر