باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

"شى جىنپىڭ سۆزلىگەن ھېكايىلەر" ناملىق كىتاب نەشردىن چىققاندىن بۇيان 1 مىليون 500 مىڭ پارچىگە يېقىن سېتىلدى

2017.09.19 15:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى تەھرىراتى تۈزۈشكە تەشكىللىگەن، خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىپ تارتقان "شى جىنپىڭ سۆزلىگەن ھېكايىلەر" ناملىق كىتاب، بۇ يىل 6-ئايدا نەشردىن چىققاندىن بۇيان 1 مىليون 500 مىڭ پارچىگە يېقىن سېتىلدى. كادىرلار ۋە ئامما: بۇ كىتاب چۈشىنىشلىك، مەنىسى چوڭقۇر، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىگەللەشتىكى ياخشى ئوقۇشلۇق، جانلىق دەرسلىك ئىكەن، دېيىشتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆز قىلغاندا، ماقالە يازغاندا دائىم ھېكايە سۆزلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق چوڭقۇر ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ، باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۈپ، چوڭقۇر ئىدىيە، ئابستراكت نەزەرىيەنى جانلىق ھېكايە، مىساللارغا ئايلاندۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىگە سىڭىدىغان كۈچ ئاتا قىلىدۇ. خەلق گېزىتى ئوبزور بۆلۈمى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نەچچە يۈز پارچە سۆزى ۋە ماقالىسىدىن يۈزدىن ئارتۇق ھېكايىنى تاللاپ، رەتلەپ، ئۇنىڭغا ئىزاھات بەردى.

  ئىگىلىنىشچە، "شى جىنپىڭ سۆزلىگەن ھېكايىلەر" ناملىق كىتاب نەشردىن چىققاندىن كېيىن، خەلقئارادىكى داڭلىق نەشرىيات گۇرۇھى سىپرىنگېر خەلق نەشرىياتى بىلەن دەرھال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقە قىلىپ، ئۇلاردىن بۇ كىتابنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسىنىڭ نەشر ھوقۇقىنى سېتىۋېلىپ، ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنى نەشر قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان. رۇسىيە شاس نەشرىيات گۇرۇھىمۇ رۇسچە نۇسخىسىنىڭ نەشر ھوقۇقىنى سېتىۋېلىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقە قىلىپ، رۇسچە نۇسخىسىنى نەشر قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ. ھازىر بۇ كىتابنىڭ ئىنگلىزچە، ياپونچە، رۇسچە، ۋىيېتنامچە نۇسخىلىرىنىڭ نەشر ھوقۇقى سېتىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر