باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن تۈنۈگۈن " مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى بېيجىڭ پائالىيىتى"گە قاتناشتى

2017.09.18 14:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن تۈنۈگۈن جۇڭگو پەن-تېخنىكا سارىيىدا " مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى بېيجىڭ پائالىيىتى"گە قاتناشتى. ليۇ يۈنشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۇنيادىكى پەن تېخنىكا جەھەتتىكى كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتەك مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى دائىمىيلاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيادىكى پەن-تېخنىكا جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

  ليۇ يۈنشەن ئالدى بىلەن بىلەن "مۇزى نومۇرلۇق" كىۋانلىق سۈنئىي ھەمراھ مودېلىنى كۆرۈپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىنى ئىگەللىدى. يېشىل يادرو ئېنېرگىيەسى رايونىدا، ليۇ يۈنشەن خۇالۇڭ بىرىنچى نومۇر ۋە 3-ئەۋلاد يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى باش كونترول ئۆيىنىڭ مودېلىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى يادرو ئېلېكتىرى چۈشەنچىسىگە ئىگە قىلىشنى، ئۇلارنى يادرو ئېلېكتىرى ئىشلىرىغا قاتناشتۇرۇشنى تەكىتلىدى. دۆلەت مۇداپىئەسى پەن-تېخنىكىسى كۆرگەزمە رايونىدا، كۆپ ۋاسىتە ۋە ئەمەلىي بويۇملار بىلەن ھاۋادا ئۇرۇش قىلىش ئەھۋالى نامايەن قىلىندى، ليۇ يۈنشەن ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرۈپ، دۆلەت مۇداپىئە پەنلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ئېڭىنى ئاشۇرۇشنى تەكىتلىدى. ليۇ يۈنشەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىلمىي تەجرىبە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى ياخشى ئۆگىنىشكە، چوڭ بولغاندا تېخىمۇ كۆپ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى ھاسىل قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى. ليۇ يۈنشەن يەنە "دېڭىز-ئوكيان ئىلمىي تەكشۈرۈش دەرسلىكى"، "ساغلاملىق دەرسى" قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشىنى ئاڭلىدى.

  ليۇ يۈنشەن كۆرگەزمە ئاياغلاشقاندا مۇنداق دېدى: پەننى ئومۇملاشتۇرۇش دۇنيادىكى پەن تېخنىكا جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە ھۆكۈمەتلەر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ قوللاپ، پەن-تېخنىكا جەمئىيەتلىرى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەمەلىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ پەن-تېخنىكا ساپاسىنى ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشى كېرەك. پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدە خەلقكە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشىمىز لازىم. بىرىنچىدىن، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئېھتىياجى. ئىككىنچىدىن، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىنى يەنىلا بالىلاردىن باشلاش، ئۇلارنىڭ قەلبىگە پەن تېخنىكا ئۇرۇقىنى چېچىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش كېرەك، ئىنتېرنېتنىڭ تەرەققىياتى پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئىنتايىن ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى. بۇنىڭدىن باشقا، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ پائال قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر