باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ قۇمنى تىزگىنلەش تەجرىبىسى خەلقئارانىڭ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشتى

2017.09.19 15:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىچكى موڭغۇلنىڭ قۇبچى قۇملۇقىغا ئۈچىنچى قېتىم كەلگەن ئامېرىكا جۇغراپىيە ژۇرنىلىنىڭ فوتوگرافى گيورگى.سىتانمىتىس سەھەر سائەت بەشتە قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە كىردى، ئۇ نۇر ياخشىراق چاغدا قۇملۇقنى سۈرەتكە تارتمىسا بولمايتتى.

  35 يىل فوتوگرافلىق قىلغان، ئاياغ ئىزى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىغان بۇ ئامېرىكىلىق فوتوگرافنى قۇبچى قۇملۇقىغا يەنە كىرىشكە نېمە جەلپ قىلغاندۇ؟ ئۇ: بۇ يەرنىڭ قۇملۇقى ئافرىقا قۇملۇقىغا ئوخشىمايدۇ، بۇ يەر يېشىللىق، يەنە كېلىپ كىشىلەر ناھايىتى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، بۇ مېنى ھەيران قالدۇردى، دېدى.

  39 ياشلىق نامرات ئاھالە جاۋ دۇەن بۇ يىل يىلى گۇرۇھى بىلەن يورۇقلۇق ۋولت تاختىيىنى تازىلاش ۋە چۈچۈكبۇيىنى پەرۋىش قىلىش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىغان. ئۇ: كېلىشىم بولغاندىن كېيىن كىرىمىم مۇقىم بولىدۇ، ھەر يىلى يورۇقلۇق ۋولت تاختىيىنى ئاز دېگەندە تۆت قېتىم تازىلىسام، 24 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىمەن، دېدى.

  قۇبچى ئېكولوگىيە ئېنېرگىيە شىركىتىدىن تيەن جۈنتىڭ مۇنداق دېدى: قۇملۇقتا يورۇقلۇق ۋولت تاختىيى شامالنى توسىدۇ، يورۇقلۇق ۋولت تاختىيىنى يۇغان سۇ بىلەن ئوت-چۆپنى سۇغۇرىمىز، ئوت-چۆپ بولسا قوي ۋە يەرلىك توخۇنىڭ يەم-خەشىكى، چارۋىنىڭ گەندىسى بىلەن تۇپراقنى قۇۋۋەتلەيمىز، تۇپراق قۇۋۋەتلەنسە ئوت-چۆپ ياخشى ئۆسىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، تۈر رايونى ئەتراپىدىكى 800 دىن ئارتۇق نامرات ئائىلە يەنە دۆلەتنىڭ يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى بىلەن مەبلەغ سالىدۇ ھەمدە توك تارقىتىشنىڭ پايدىسىدىن مۇناسىپ دارامەت ئالىدۇ، قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىيىنى يۇيۇش، ئوت-چۆپ ئۆستۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق، نامراتلىقتىن دەل قۇتۇلدۇرغىلى بولىدۇ.

  ئېكولوگىيەلىك يورۇقلۇق ۋولت قۇمنى تىزگىنلەپ، نامراتلارنى يۆلەشتىكى يېڭى ئەندىزە. تۈر قۇرۇلۇۋاتقان مەزگىلدە، 1000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ، كىشى بېشىغا 10 مىڭ يۈەن كىرىمنى كۆپەيتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، قۇبچىنىڭ تەجرىبىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چۆللىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى دۆلەتلەرنىڭ 13-قېتىملىق يىغىنى مەزگىلىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «جۇڭگو قۇبچى ئېكولوگىيە بايلىقىنى باھالاش دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. قۇبچىنىڭ تەجرىبىسى خەلقئارا جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان ۋە قۇۋۋەتلىگەن قۇمنى تىزگىنلەشتىكى «جۇڭگو تەجرىبىسى» بولۇپ قالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر