باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىقىدا يېڭى بوشلۇق بەرپا بولۇشقا باشلىدى

2017.09.18 14:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئوتتۇرسىدىكى ھەمكارلىق ۋە بىر بىرگە بولغان ئىشىنىش تېخىمۇ كۈچىيىپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىقىدا يېڭى بوشلۇق بەرپا بولۇشقا باشلىدى.

  يېقىندا نىڭشا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا يېپىلغان 2017- يىللىق جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى كۆرگەزمىسىدە جەمئىي 253 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى توختام تۈرى ۋە كېلىشىم تۈرى جەمئىي 235 بولۇپ، بۇنىڭغا سېلىنىدىغان مەبلەغ سوممىسى 186 مىليارد 50 مىليون يۈەنگە يېتىشتەك نەتىجە يارىتىلدى. بۇندىن ئىلگىرى نىڭشادا ئۆتكۈزۈلگەن 3- قېتىملىق جۇڭگو ئەرەب ئەللىرى ئىقتىساد سودا مۇنبىرى بىلەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئەرەب ئەللىرى كۆرگەزمىسىدە تۈرلۈك كېلىشىمدىن 876 ئىمزالىنىپ، توختامدىكى سومما 435 مىليارد 930 مىليون يۈەنگە يەتكەن ئىدى. جۇڭگو ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى دولقۇن كۆتۈرۈلۈشكە باشلاپ، يېڭى دەۋردە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىدا روشەن ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

  جۇڭگو ئەرەب ئەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىدىكى ئورتاق پۇرسەتتىن بەھرىمەن بولۇشنى، تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ 2017-يىلى جۇڭگو ئەرەب ئەللىرى كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشتىكى سېرنىڭ پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، تىنىچلقنى ئىلگىرى سۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  نەچچە يۇز يىلدىن بۇيان، قۇرۇقلۇقتىكى يىپەك يولى بىلەن دېڭىزدىكى پۇراقلىق ماتېرىياللار يولى جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنى زىچ باغلاپ، بىر بىرى بىلەن سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش، دوستانە ئىشىنىش ئۇرغىنى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغۇزدى. يېڭى دەۋردىكى بىر بەلباغ بىر يول جۇڭگو ئەرەب ئەللىرىنىڭ پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان يېڭى سەھنىسى ھازىرلاپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ھەمكارلىقىغا يېڭى مەزمۇنلارنى قوشتى. 2014- يىلى 6-ئايدا، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىقى مۇنبىرىنىڭ 6- نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسنى بىرلىكتە قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە ھەمكارلىق يۆلىنىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى ئاساس قىلغان، ئۇل ئەسلە قۇرۇلۇشى، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى يۆلىنىشتە، يادرو ئېنېرگىيەسى، ئالەم ئاۋىياتسىيە سۈنئىي ھەمراھ، يېڭى ئېنېرگىيەدىن ئىبارەت ئۇچ يۇقىرى يېڭى ساھەدە بۆسۈپ ئۆتۈشلەرنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، جۇڭگو ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىقىنى تىز سۈرئەتلىك يولغا كىرگۈزدى. جۇڭگونىڭ ئەرەب ئەللىرىگە مەبلەغ سېلىشى، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئەرەب ئەللىرىدە قۇرۇلۇشلارنى ھۆددىگە ئىلىش توختام سوممىسى قاتارلىقلار تېز سۈرئەتتە ئاشتى.

  جۇڭگو ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىسى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ جۇڭگونىڭ ئادىل ھەققانىي بولۇپ، رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى باشتىن ئاخىرى قوللاپ كەلگەنلىكىدىن بولدى. قۇرال كۈچى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ئەمەس،نول يىغىندىلىق تەپەككۇر ئۇزاق مۇددەتلىك بىخەتەرلىكنى ئىلىپ كېلەلمەيدۇ، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى داۋالغۇشنىڭ تۈپ چىقىش يولى تەرەققىي قىلىش، چىقىش يولى ئەڭ ئاخىردا تەرەققىياتقا تايىنىشتىن ئىبارەت. ئادىل بولمىغان شەرتنامىلەر سوغۇق تىنچلىقنى ئىلىپ كېلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ باشلىرىدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا شەرق رايونىدا زىيارەتتە بولغاندا، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش ئورگىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك يېڭى جاۋاب بەردى. جۇڭگونىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيەتنى تەشەببۇس قىلىشى، قەتئىي تۈردە رايون ئەللىرى بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇشى، ئوتتۇرا شەرق رايوندىكى خەلقلەرنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىشى، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئۆز ئارا ئىشىنىشنى يېڭى دەۋردە نۇرلاندۇردى.

  بۇ يىل 7-ئايدا، تۇنجى نۆۋەتلىك سۇرىيەنى قايتىدىن قۇرۇش تۈرى توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بىز، پەقەت جۇڭگونىڭلا ئاساسلىق قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سۇرىيەنىڭ قايتىدىن قۇرۇشىغا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. سۇرىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىماد، مۇزتافانىڭ بۇ سۆزى كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو نەسىھەت قىلىش ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىلگىرى سۇرۇش ، سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتەك ئادىل مەيدانىدا باشتىن ئاخىرى چىڭ تۇردى.ئوخشاشلا بۇ يىل 7-ئايدا، پەلەستىن دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئابباس جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش خاتىرىسىگە، جۇڭگو كۈچەيسە، پەلەستىن كۈچىيىدۇ دەپ يېزىپ قالدۇردى، ھەمدە رەئىس شى جىنپىڭغا پەلەستىننىڭ ئالى مېدالىنى تەقدىم قىلدى.بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى شۇكى، جۇڭگو پەلەستىن مەسىلىسىدە ئادىل ۋە ھەققانىي سۆزلەرنى قىلىشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلدى. 2013- يىلى ۋە 2017- يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئابباس بىلەن ئىككى قېتىم سۆھبەتلىشىپ، پەلەستىننىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئەرەب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭگونىڭ قارشى ۋە ھەرىكىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن پايدا يەتكۈزۈش ۋە تەڭ ئېتىبار بېرىشتە، ئالدىن ئويلىشىشتا چىڭ تۇرۇلغان بولغاچقا، رايون ئەللىرىدىكى ئەل رايىنىڭ قوللىشىغا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ماختىشىدىكى ئاچقۇچ بولدى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سابىق باش كاتىپى ئەرەبى چىڭ كۆڭلىدىن، جۇڭگو ئەزەلدىن ھەر قانداق بىر تەرەپكە يان باسمايدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتى ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ دەپ ماختىغان. ئەنگلىيە لوندون خان ئىنستىتۇتىنىڭ ياۋروپا ۋە خەلقئارا تەتقىقات مۇناسىۋەت فاكۇلتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى پاردور مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ئارقىلىق، رايون مۇقىملىقىنى قوللاش كېرەك، جۇڭگو ئەرەبلەر رايونىدا تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  ئەرەبلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشىدىن بۇرۇن ھەمراھ تاپ دېگەن ھېكمەتلىك سۆزى بار. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، يىپەك يولىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار تىنچ ھەمكارلىشىش، ئېچىۋېتىلگەن كەڭ قۇرساق بولۇش، بىر بىرنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆز ئارا ئۆگىنىش، تەڭ نەپ يەتكۈزۈش روھى بويىچە ئىناق بىرگە ئۆتۈپ كەلگەن. يېڭى دەۋردە، توغرا مەنپەئەت قارشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ كەڭ يېڭى زېمىن يارىتالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر