باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تۆمۈريولى 5000 توننىلىق توشۇش دەۋرىگە قەدەم قويدى

2017.09.20 16:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى پاراۋۇز تەڭ سۆرىگەن 5000 توننىلىق يۈك توشۇش پويىزى 9–ئاينىڭ 15–كۈنى سائەت 16 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى–جۇڭغار تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ شەرقىي جۇڭغار ۋوگزالىدىن ئاستا – ئاستا قوزغالدى. بۇ، شىنجاڭدا يۈك توشۇش مىقدارى ئەڭ چوڭ يۈك پويىزى قاتناپ، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ 5000 توننىلىق تىرانسپورت دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، تۆمۈريول تىرانسپورت ئىقتىدارىنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش دەۋرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.

  ئۈرۈمچى –جۇڭغار تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 257 كىلومېتىر، بۇ لىنىيە ئۈرۈمچى، تاتلىقبۇلاق (گەنچۈەنپۇ)، شەرقىي جۇڭغاردىن ئىبارەت دۆلەت دەرىجىلىك ئۈچ ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنى، غەربتە لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ غەربىي بۆلىكىنى تۇتاشتۇرۇپ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى كەسىپلەر بەلبېغىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى – جۇڭغار تۆمۈريول لىنىيەسىدە تىرانسپورت مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، قاتتىق دېتال ئەسلىھەسى يېتىشمەسلىك، تىرانسپورت ئىقتىدارى جىددىي بولۇشتەك ‹‹كەمتۈكلۈك›› يۈك توشۇش مىقدارىنىڭ ئېشىشىدىكى توسالغۇ بولۇپ قالغانىدى.

  شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول تارماقلىرى پاراۋۇزنىڭ سۆرەش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قوش پاراۋۇزنى بىرلەشتۈرۈپ، 5000 توننىلىق پويىزنى تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ تىرانسپورت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتىكى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، پاراۋۇز ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆزگەرتىش، پويىز مۇلازىمىتىنى سەرخىللاشتۇرۇش، پويىزنىڭ يۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىش جەھەتلەردە سىجىل تېخنىكا يېڭىلاپ، تىرانسپورت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يەككە يۈك پويىزىنىڭ يۈك كۆتۈرۈشچانلىقىنى 3000 – 4000 توننىدىن 5000 توننىغا يەتكۈزدى. ھازىر ئۈرۈمچى – جۇڭغار تۆمۈريول لىنىيەسىدە قوش پاراۋۇز بىرلەشتۈرۈلگەن 5000 توننىلىق پويىز قاتنىدى، ھەر كۈنى قاتنايدىغان پويىز 16 – 17 قېتىمدىن ئېشىپ، تىرانسپورت ئىقتىدارى ھەسسىلەپ كۈچەيدى.

  ھازىر شىنجاڭدىكى لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈريولى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى قاتارلىقلاردا 5000 توننىلىق يۈك پويىزى ئاساسەن نورمال قاتنايدىغان بولدى، بۇ، تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ تىرانسپورت ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ‹‹تېز تەرەققىيات يول››ىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر