باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئارمىيەسىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ دەۋر سىگنالى چېلىندى

2017.09.20 16:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، غەلىبىلىك ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئىستىلى ياخشى خەلق ئارمىيەسى قۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتتىق ئىدارە قىلىشنى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاساسى، پارتىيەمىزنىڭ ئارمىيە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى تۈپ تاكتىكىسى قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تېزدىن ئورنىتىشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۇسۇلىدا تۈپ خاراكتېرلىك بۇرۇلۇش ياساشنى تېزلىتىپ، خەلق ئارمىيەسىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ دەۋر سىگنالىنى چالدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغاندىن كېيىن، 2012-يىلى 8-دېكابىر ۋە 10-دېكابىر تۇنجى قېتىم ئۇرۇش رايونىدىكى قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇشنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى.

  2014-يىلى ئۆكتەبىردىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا، «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى 2015-يىلى 2-ئايدا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، «يېڭى ۋەزىيەتتە، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى قارار»نى چىقاردى.

  رەئىس شى جىنپىڭ بۇلتۇر 1-ئايدا سابىق 13-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيەنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، سىياسىي جەھەتتىن ئارمىيە قۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. بۇلتۇر 2-ئايدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىندا، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش شەرت دەپ تەكىتلىدى.

  بۇ يىل 1-يانۋار يېڭى يىل قوڭغۇرىقىنىڭ چېلىنىشىغا ئەگىشىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ماقۇللىغان تۇنجى ھەربىي قانۇن بولغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قاتناش قانۇنى» رەسمىي يولغا قويۇلدى.

  مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، يىللىق قانۇن چىقىرىش پىلانى ۋە 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى قانۇن چىقىرىش پىلانىنى تۈزۈپ، ھەربىي قانۇن چىقىرىشنى ئومۇمىي جەھەتتىن بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە ئالىي لايىھەلەشنى كۈچەيتتى. ھەر قايسى ئۇرۇش رايونلىرى، ئارمىيە تۈرلىرى، ھەربىي كومىتېت ئورگانلىرىدىكى ھەر قايسى تارماقلار ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ھەربىي كومىتېتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى تەلەپلەرگە ئاساسەن، ئۆز ساھەسىدە قانۇن چىقىرىش پىلانلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن تۈزدى.

  ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا دىققەت مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئىلمىي، دېموكراتىك قانۇن چىقىرىش كۈچەيتىلىپ، ھەربىي نىزام تۈزۈمىنىڭ قاراتمىلىقى، سىستېمىسى، مەشغۇلاتچانلىقى چىڭىتىلىپ، ئەمەلىي كارغا كېلىدىغان، سىستېمىلىق يۈرۈشلەشكەن جۇڭگوچە ھەربىي نىزام تۈزۈم سىستېمىسى تېزدىن ئورنىتىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر