باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە مەمۇرلارنى ئاشكارا تاللاپ يۆتكەشكە تىزىملىتىش كېلەر دۈشەنبە باشلىنىدۇ

2017.09.21 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە 276 مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسىدىن تۆۋەن ۋە مۇناسىپ قاتلامدىكى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىكى باشقا مەمۇرلار ۋە خىزمەتچى خادىملارنى ئاشكارا تاللاپ يۆتكەش پىلانلانغان بولۇپ، كېلەر دۈشەنبە كۈنى يەنى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 10:30دىن باشلاپ تىزىمغا ئالدۇرۇشقا بولىدۇ.

  9-ئاينىڭ 19-كۈنى، شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شەھەر دەرىجىلىك ئورگانلارغا قاراشلىق ئورۇنلار، رايون (ناھىيە)دىن تۆۋەن ئورگانلار ۋە مەمۇرلار قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان ئورۇنلاردىكى ئىشتاتلىق ئىش ئورنىدىكى مەمۇرلار، خىزمەتچى خادىملار تاللاپ يۆتكەش نىزامنامىسى، ئىش ئورنى جەدۋىلى شەرتى تەلىپىگە ماس كېلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى تىزىملاتسا بولىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك كادىرلار ئىمتىھانى تور بېكىتى (www.wlmqrsks.com) ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرۇشقا بولىدىكەن، تىزىملىتىش 9- ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 18 دە ئاخىرلىشىدىكەن.

  تىزىمغا ئالدۇرغۇچىلار چوقۇم 1977- يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان، ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، 2014-يىلىدىن بۇيان، يىللىق باھالاشتا لاياقەتلىك بولغانلار بولۇشى كېرەك ئىكەن. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، تاللاپ يۆتكەشكە قاتناشسا بولمايدۇ: قوبۇل قىلىنغىنىغا ئۈچ يىل بولمىغان بولسا؛ چارە كۆرۈلگەن مەزگىلدە ياكى تەسىر مۇددىتى توشمىغان بولسا؛ نۆۋەتتە تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىشنى قوبۇل قىلىۋاتقان، تېخىغىچە خۇلاسە چىقىرىلمىغان بولسا؛ تاللاپ يۆتكەلگەندىن كېيىن، مەمۇرلار قانۇنىنىڭ 68-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ تۇرۇش مۇناسىۋىتى بولسا؛ قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار بولسا.

  ئالاقىدار خادىملار مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇكى، تاللاپ يۆتكەش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان، ساختا ئۇچۇر تولدۇرغان، تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرى يامان نىيەتتە رويخەتكە ئالدۇرۇلغان، تىزىمغا ئالدۇرۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان ياكى ئوقۇش تارىخى ئىسپاتى ۋە باشقا ئالاقىدار گۇۋاھنامىلىرىنى يالغاندىن ياسىۋالغانلار ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تىزىمغا ئالدۇرۇش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ ھەمدە پۈتۈن شەھەر بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ. تەشكىلىي پىرىنسىپقا خىلاپلىق قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرغۇچىلارغا يالغان ئىسپات ماتېرىياللارنى چىقىرىپ بەرگەن مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ۋە مەسئۇللار شەھەر بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ ھەمدە پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. قىلمىشى ئېغىر بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

  يېزىقچە ئىمتىھان 15-ئۆكتەبىر ئېلىنىدۇ. يېزىقچە ئىمتىھان، سالاھىيەت تەكشۈرۈش، يۈز تۇرانە ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، كۆزىتىش، ئېلان قىلىش قاتارلىق باسقۇچلاردا باشقىچە پىكىر بولمىغان خادىملار يۆتكەش ۋە تەيىنلەش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ.

  تاللاپ يۆتكەش نىزامنامىسى، سىياسەت يەشمىسى قاتارلىقلارنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى تور بېكىتى (http://wlmq.xjrs.gov.cn/)، شەھەرلىك كادىرلار ئىمتىھان تورىغا چىقىپ سۈرۈشتە قىلىشقا بولىدۇ.

  مەلۇم بولۇشىچە، مەمۇرلار ۋە خادىملارنى ئاشكارا تاللاپ يۆتكەش ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەمۇرلار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، مەمۇرلار قوشۇنىنىڭ مۇۋاپىق يۈرۈشۈپ تۇرۇشى ۋە سەرخىل تەقسىملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر