باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شېكەركۆل مەھەللىسىدە كېۋەز تىرىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

2017.09.21 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: )ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، خۇرشىدە مۇرتىزا خەۋىرى) ئاۋات ناھىيەلىك كۈتۈپخانىدىن غورۇچۆل بازىرى شېكەركۆل مەھەللىسىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش، ئۇلارنىڭ ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش قىزغىنلىقىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش ئۈچۈن 9-ئاينىڭ 20-كۈنى شېكەركۆل مەھەللىسىدە پاختا تىرىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.

  ئاۋات ناھىيەلىك كۇتۇپخانىدىن غورۇچۆل بازىرىغا چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى لو يۈمېي مۇنداق دېدى: كۇتۇپخانىمىزدىن شېكەركۆل مەھەللىسىگە چۈشكەن بەش كادىر ئالتە ئايدىن بېرى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئامما كۆڭۈل بۆلگەنگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ھەممە ئۆيلەرگە كىرىپ، ھەر بىر ئاھالە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، بەش ياشنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردۇق. پاختا ماكانى بولغان ناھىيەمىز ئالتۇن كۈز پەسلىگە كىردى. ئائىلە ئاياللىرىنىڭ ئەمگەك قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى پاختا تىرىش مۇسابىقىسىنى تەشكىللىدۇق.

  ئاۋات ناھىيەلىك كۇتۇپخانىدىن غورۇچۆل بازىرى شېكەركۆل مەھەللىسىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى باغىلە داۋۇت مۇنداق دېدى: مەھەللىدە ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى ۋە نامرات ئاھالىلەر بىر قەدەر كۆپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى بىر قەدەر تۆۋەن، ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى بىر قەدەر ئېغىر. بىز بۇ قېتىمقى مۇسابىقە پائالىيىتى ئارقىلىق، ئائىلە ئاياللىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ كىرىم قىلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بەردۇق.

  ئاۋات ناھىيەسى غورۇچۆل بازىرى شېكەركۆل مەھەللىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن پاختا تىرىش مۇسابىقىسىگە مەھەللە تەۋەسىدىكى ئاياللار، مەھەللە كادىرلىرى ۋە خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىدىن بولۇپ جەمئىي 90 كىشى قاتناشتى. گەرچە ھاۋا ئىسسىق ۋە بىر قەدەر دىمىق بولسىمۇ، مەھەللە كومىتېتى ئاھالىسى پاتىگۈل توختى 118 كىلوگىرام پاختا تىرىپ، بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.

  بۇ قېتىمقى كېۋەز تىرىش مۇسابىقە ئاخىرىدا 1-دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر 300 يۈەن، 2-دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر 200 يۈەن، 3-دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر 100 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر