باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ ھەمبەھىر ۋېلسىپىتلىرى ئامېرىكا ۋاشىنگتوندا نامايان بولدى

2017.09.21 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەگەر سىز تىنچ ئوكياننىڭ يەنە بىر قىرغىقىدىكى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا سېرىق چاچ، كۆك كۆز ئامېرىكا خەلقىنىڭ جۇڭگونىڭ ھەمبەھىر ۋېلىسىپىتلىرىنى مىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىڭىز زامان-ماكاندىن ھالقىغان بىر خىل تۇيغۇ بولارمۇ؟ خاتا ئەمەس، ۋاشىنگتون ئاممىسى 20-سېنتەبىردىن باشلاپ جۇڭگونىڭ ھەمبەھىر ۋېلىسىپىتلىرى ئېلىپ كەلگەن قولايلىقتىن بەھرىمان بولدى.

  ئامېرىكا «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» نىڭ 19-چېسلادىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھەمبەھىر ۋېلىسىپىت ئابونتلىرى يانفوندا APP چۈشۈرسىلا ئۆزىگە ئەڭ يېقىن جايدىكى ھەمبەھىر ۋېلىسىپىتلىرىنى ئىزدەپ تاپالايدىكەن. مىنىش ھەققى يېرىم سائەتنىڭ بىر ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 6.6 يۈەن خەلق پۇلى) ئىكەن، ئابونتلار يانفوندا ئىككى ئۆلچەملىك كودنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق ئېلېكترونلۇق پۇل تۆلىيەلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، موبەي ۋېلىسىپىت شىركىتى ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى ئۈچۈن تۇنجى قوزۇقسىز ھەمبەھىر ۋېلىسىپىت مۇلازىمىتى ئېلىپ كەلگەن، خېرىدارلار ۋېلىسىپىتلارنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، يول بويىدا توختىتىپ قويسىلا بولىدىكەن، ھەمبەھىر ۋېلىسىپىتلىرى ئاپتوماتىك قۇلۇپلىنىدىكەن.

  مەلۇم بولۇشىچە، موبەي شىركىتى بۇ قېتىم ۋاشىنگتوندا 200 دانە ھەمبەھىر ۋېلىسىپىتلىرىنى يەرلىك ئاممىنىڭ ئىشلىتىشىگە تارقاتتى. بۇنىڭدىن باشقا، موبەي شىركىتى سۈنئىي ھەمراھتا ئورۇن بەلگىلەش ۋە نەرسە تورى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ھەر بىر ۋېلسىپىتنىڭ ئورنى ۋە ھالىتىنى ئىگىلەپ، سەپەر چوڭ سانلىق مەلۇماتى ھاسىل قىلىپ، شەھەر پىلانلاش تارماقلىرى، يەرلىك سودىگەرلەر ۋە باشقا ئاپپاراتلارنى قوشۇلما قىممەت پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ھازىرغا قەدەر، 2015-يىلى قۇرۇلغان موبەي ۋېلىسىپىت شىركىتى ئەنگلىيە ئىتالىيە، ياپونىيە قاتارلىق سەككىز دۆلەتتىكى 180دىن ئارتۇق شەھەرگە كىردى، 7 مىليوندىن ئارتۇق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەمبەھىر ۋېلىسىپىتلىرى يۈرۈشتۈرۈلۈپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 150 مىليون ئابونتنىڭ ھەر كۈنى 25 مىليون قېتىم مىنىشىگە مۇلازىمەت قىلماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر