باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى

«پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىپ، كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى قىلىمەن» دېگەن تېمىدا توردا چوڭ تىپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى

2017.09.21 13:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى پۇختا ئىگىلەش ئۈچۈن، 21- چېسلا «خەلق گېزىتى»نىڭ سىياسىي-مەدەنىيەت بۆلۈمى ۋە خەلق تورى، ھەمدە ج ك پ ئاخبارات تورى قاتارلىق ئورۇنلار دۆلەتلىك مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ سىياسەتشۇناسلىق ئورنى بىلەن بىرلىكتە «پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىپ، كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى قىلىمەن» دېگەن تېمىدا توردا چوڭ تىپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش پائالىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى ۋە پارتىيە ئەھۋالىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ۋە ئۆزگەرمەسلىكلەرنى ھېس قىلدى. بۇ پائالىيەتتە تور ئارقىلىق ئەل رايىنى تولۇق چۈشىنىش، بولۇپمۇ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئويلىرى ۋە ئارزۇسىنى چۈشىنىش مەقسەت قىلىنغان.

  بۇ تەكشۈرۈشنىڭ مەزمۇنى ئاساسىي ئەھۋالدىن باشقا يەنە ئىككى چوڭ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى قىسمى چوقۇم جاۋاب بېرىدىغان سوئاللار بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈش ۋە كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش؛ ئىككىنچى قىسمى تاللاپ جاۋاب بېرىدىغان سوئاللار بولۇپ، ئۇنىڭدا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتەك تۆت تۈرلۈك مەزمۇنغا ئاساسەن، ئايرىم-ئايرىم تېما تەسىس قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر