باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سالاپىتى

2017.09.30 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە ۋە مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، مەملىكەت بويىچە 40 سايلام ئورنىدا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ 2287 ۋەكىلى سايلاپ چىقىلدى. ئۇلار پارتىيەنىڭ تاپشۇرۇقى ۋە مۇقەددەس بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا شەرەپ بىلەن قاتنىشىدۇ. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى كومپارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىكى مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇپ، ئىلغارلىق ۋە كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىرى ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن، ھەر قايسى ساھەلەردە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئىلغار، نەمۇنىچى پارتىيە ئەزالىرى.

  30-سېنتەبىردىن باشلاپ «خەلق گېزىتى»دە «پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سەھىپىسى» پىروگراممىسى تەسىس قىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ 1-سېپىدىكى پارتىيەلىك ۋەكىللەرنىڭ ئىلغار، نەمۇنىلىك ئىش- ئىزلىرى نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئېسىل ئەخلاق-پەزىلىتى ۋە روھىدىن ئۆگىنىش ۋە جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر