باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى، ج ك پ مەركىزى كومىتېتى بىرلىكسەپ بۆلۈمى، گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار ئىشلىرى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى بىرلىكتە دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش زىياپىتى ئۆتكۈزدى

2017.09.29 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزى كومىتېتى بىرلىكسەپ بۆلۈمى، گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار ئىشلىرى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى بىرلىكتە 28-سېنتەبىر كەچ خەلق سارىيىدا دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش زىياپىتى ئۆتكۈزدى. ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 2800 دىن ئارتۇق شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن، مۇھاجىرلار ۋە ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن جەم بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 68 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  يۈ جېڭشېڭ تەبرىكلەش زىياپىتىدە ج ك پ مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋەكالىتەن تەبرىكلەش زىياپىتىگە كەلگەن ھەر قايسى ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەلدىكى مۇھاجىرلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان بولۇپمۇ ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشتىن بۇيان،جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈرەش قىلىشىغا تايىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىدە تارىخي ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، جۇڭخۇا زېمىنىدا كىشىنى خوشال قىلىدىغان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، جۇڭخۇا خەلقى جاھاننى زىل زىلىگە سالىدىغان زور تارىخنى ياراتتى. ج ك پ 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزى كومىتېتى نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋە ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، ئەمەلىيەت تەلىپى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا مايىللىشىپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ،«تۆت ئومۇميۈزلۈك»ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ماسلاشتۇرۇپ سىلجىتىپ، بىر قاتار زور ئىستىراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، بىر قاتار زور فاڭجېن، سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار زور خىزمەتلەرنى ئالغا سۈرۈپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولغان ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، ئىلگىرى قىلماقچى بولغان قىلىنمىغان نۇرغۇن زور ئىشلارنى پۈتكۈزدى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش جەھەتتە يېڭى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىش بولدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىسىزىم يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر