باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە-مېخانىزمنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن قۇرۇلمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ قوزغاش كېرەك

2017.09.29 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيوروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 9-ئاينىڭ 27-كۈنى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مۇناسىۋەتلىك مالىيە-باج سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيوروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جايلار، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، نۇرغۇن «قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش» جەھەتتە زور كۈچ بىلەن جاپالىق ۋە ئەتراپلىق خىزمەت ئىشلىدى، ئاۋال سىناق نۇقتىدا يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئىسلاھات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، سىياسەتلەرنى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھات دائىرسىنى پۇختا قەدەمدە كېڭەيتىپ، ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمنى تەستە قولغا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشىغا كۈچلۈك تىرەك ھاسىل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى توپلىدى. ھازىر خەلقئارا رىقابەت كۈنسايىن كەسكىنلىشىۋاتىدۇ، نۇرغۇن دۆلەت باجنى كېمەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاۋاتىدۇ. بىز تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشنى ئاساسىي لېنىيە قىلىپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق تۈزۈم خاراكتېرلىك سودىلىشىش تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىدىغان، كەسپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدىغان، تۈرلۈك بازار سوبيېكىتلىرىنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان تىجارەت-سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە قوزغىتىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر