باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«تور ساقچىسى» ئىغۋالارغا رەددىيە بېرىدۇ

2017.09.28 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەت بويىچە 372 تور ساقچىسى چارلاپ قانۇن ئىجرا قىلىش ھېسابات نومۇرى 27-سېنتەبىر بەيدۇ رەددىيە سۇپىسىغا ئورۇنلاشتى، تورداشلار بەيدۇ ئىزدەش تورىدا پىتنە- ئىغۋالارغا چېتىلىدىغان ئۇچۇرلارنى ئىزدىگەندە، ئىزدەش نەتىجىسىنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان كارتا شەكلىدە كۆرسىتىلىدىغان تور ساقچىسىنىڭ ئىغۋاغا رەددىيە بېرىش ئۇچۇرىنى كۆرەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تور ساقچىلىرىنىڭ رەددىيە ئۇچۇرلىرى يەنە بەيدۇ تور ئۇچۇر ئېقىمى، يان تېلېفون بەيدۇ، بەيدۇ خەۋىرى، بەيدۇ يازمىخانا قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىدىمۇ نىشانلىق تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

  شۇ كۈنى، «ھەقىقىي ئەھۋالنى قوغداپ، ئىغۋالارنى ئەقلىي توسۇش» — مەملىكەت بويىچە تور ساقچىلىرىنىڭ بەيدۇ پىتنە- ئىغۋاغا رەددىيە بېرىش سۇپىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بەيدۇ رەددىيە سۇپىسى بولسا ج خ مىنىستىرلىقى تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىدارىسى ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بەيدۇنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى ئاساسىدا بەرپا قىلىنغان تور ساقچىلىرى مەخسۇس رەددىيە سۇپىسىدۇر.

  باشلىنىش مۇراسىمىدا، ج خ مىنىستىرلىقى تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكەت بويىچە تور ساقچىلىرىنىڭ بەيدۇ رەددىيە سۇپىسىغا كىرىشى تورداشلارنىڭ پىتنە- ئىغۋا ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پىتنە-پاسات ئۇچۇرلارنى ياساپ ئېلان قىلىدىغان تورداشلارغا روشەن ئاگاھلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

  تور قانۇن سىرتىدىكى ماكان ئەمەس، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى كەڭ تورداشلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئىدراكىي، مەدەنىي تورغا چىقىش، توردىكى تۈرلۈك يالغان ئۇچۇر، پىتنە- ئىغۋالارنى پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىش، ئىغۋالارنى ئاڭلىق چەكلەش، ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىك، ئىغۋالارنى تارقاتماسلىق، پىتنە-ئىغۋالارنى بايقىغان ھامان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا پاش قىلىش لازىم.

  ئىگىلىنىشىچە، 2017-يىلىدىن بۇيان، مەملىكەتلىك تور ساقچىسى چارلاپ قانۇن ئىجرا قىلىش ھېسابات نومۇرلىرى ماكانلاشقان تور بېكەت ۋە سۇپىلاردا تورداشلارنىڭ جەمئىي 810 مىڭ قېتىملىق مەسلىھەت سوراش ۋە پاش قىلىش ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلغان، 358 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقات- تەربىيەسى تۈرىدىكى، ئالدىنى ئېلىش تۈرىدىكى تېما-ماقالە قاتارلىقلار ئېلان قىلىنغان ۋە كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 5900 پارچىدىن ئارتۇق توردىكى ئىغۋالارغا رەددىيە بېرىش ئۇچۇرلىرى ئېلان قىلىنغان ھەمدە بىر تۈركۈم قانۇنغا يېنىك خىلاپلىق قىلىش ئۇچۇرلىرى تارقاتقان تور ئەھلى تەربىيەلەپ ۋە ئاگاھلاندۇرۇلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر