باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «پىكىر» بېسىپ تارقىتىپ، «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىلگىرى سۈردى

2017.09.29 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «<كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش> ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، «كىنىشكا بېجىرىش ئاسان، گۇۋاھنامە بېجىرىش تەس بولۇش»، «بازار ئىجازىتى بېرىش، تىجارەت ئىجازىتى بەرمەسلىك» قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ھەل قىلىپ، مۇقىم، ئادىل، ئاشكارا ۋە مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش - پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم قارارى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش، سودا مۇھىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، خەلقئارالاشتۇرۇش، قولايلىقلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش - شاڭخەي شەھىرىنىڭ پۇدۇڭ يېڭى رايونىدا تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلغاندىن بۇيان، بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ تۈزۈم خاراكتېرلىك تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار بېكىتىلدى: تيەنجىن، لياۋنىڭ، جېجياڭ، فۇجيەن، خېنەن، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، چۇڭچىڭ، سىچۈەن، شەنشىدىن ئىبارەت 10 ئەركىن سودا سىناق رايونى شاڭخەي شەھىرى پۇدۇڭ يېڭى رايونىنىڭ «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتا پىشىپ يېتىلگەن ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك. نۇقتىدا سىناق قىلىش مۇددىتى پىكىر تارقىتىلغان كۈندىن باشلاپ 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جايلاردىكى شارائىتى بار دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونى، دۆلەت يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، دۆلەت دەرىجىلىك يېڭى رايونلار ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، شاڭخەي شەھىرى پۇدۇڭ يېڭى رايونىنىڭ «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتىكى كونكرېت ئۇسۇللىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر