باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورگانلارغا مەمۇرلارنى ئاشكارا تاللاپ ئىشقا قويۇش ۋە ئاشكارا تاللاپ يۆتكەش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى

10-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ تىزىملىتىلىدۇ، 10-ئاينىڭ 29-كۈنى يازمىچە ئىمتىھان ئېلىنىدۇ

2017.09.27 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورگانلارغا مەمۇرلارنى ئاشكارا تاللاپ ئىشقا قويۇش ۋە ئاشكارا تاللاپ يۆتكەش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى، تىزىملىتىش ۋاقتى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 10:00 دىن (بېيجىڭ ۋاقتى) 10-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 18:00گىچە (بېيجىڭ ۋاقتى)، يازمىچە ئىمتىھان بولسا 10-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدۇ. يازمىچە ئىمتىھان «ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى سىناش» بويىچە بىر پەندىنلا ئېلىنىدۇ. 10-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ ئىمتىھان بېرىش كىنىشكىسىنى پىرىنتىر قىلىپ چىقىرىشقا بولىدۇ.

  بۇ قېتىمقى ئاشكارا تاللاپ ئىشقا قويۇشقا تىزىملىتىش دائىرىسى بولسا، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ئورگانلار، مەمۇرلار قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان ئورۇنلاردا تىزىملاپ ئەنگە ئالدۇرۇلغان ھەمدە ئىشتاتلىق ئىش ئورنىدىكى بۆلۈم دەرىجىلىك رەھبەرلىك ۋەزىپىسىگە ئىگە مەمۇرلار ياكى مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسىدىن تۆۋەن مەمۇرلار ۋە باشقا شۇنىڭغا تەڭداش ۋەزىپە قاتلىمىدىكى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدىغان مەمۇرلار، خىزمەتچى خادىملار؛ ئاپتونوم رايون ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) دىن تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلار (جۈملىدىن تىك لىنىيە بويىچە باشقۇرۇلىدىغان ئورۇنلار، ۋاكالىتەن باشقۇرۇلىدىغان ئورۇنلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ۋە بىڭتۈەندىكى شىدىن تۆۋەن، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىنىڭ ۋىلايەت (ئوبلاست ، شەھەر) دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورگانلىرىدىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەمۇرلار ۋە مەمۇرلار قانۇنىدىن پايدىلىنىپ باشقۇرۇلىدىغان ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىمتىھانغا تىزىملاتسا بولىدۇ.

  بۇنىڭ ئىچىدە، تىزىمغا ئالدۇرغۇچىلار ۋىلايەت (ئوبلاست ، شەھەر) ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ئورگانلاردا بەش يىلدىن ئارتۇق خىزمەت ئىشلىگەن مەمۇرلار بولۇشى ياكى مەمۇرلار قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان ئورۇنلاردا بەش يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىشلىگەن خىزمەتچى خادىم بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ (سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛ ئالىي مەكتەپنىڭ مەخسۇس كۇرسىدىن يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە بولۇشى، يېشى 40 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى، ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلار ھازىرقى ۋەزىپىسىنى چوقۇم تاللىماقچى بولغان خىزمەت ئورنىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ۋەزىپە قاتلىمى دائىرىسى ئىچىدە بولۇشى قاتارلىق شارائىتلارنى ھازىرلىشى لازىم.

  ئاشكارا تاللاپ يۆتكەشكە تىزىمغا ئالدۇرۇش دائىرىسى بولسا، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق دۆلەت كارخانىلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنى كۆرسىتىدۇ.

  تىزىمغا ئالدۇرغۇچىلار دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزگەن بولۇشى كېرەك ھەمدە ئۇدا ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت خىزمەت ئىشلىگەن ۋەزىپىدىكى خىزمەتچى خادىم بولۇشى شەرت (ئوخشىمىغان دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئۇدا خىزمەت ۋاقتى قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ)؛ كەسپىي ئورۇنلاردا چوقۇم ئىشتاتلىق ۋە ئىش ئورنىدا بولۇشى، ئۇدا ئۈچ يىلدىن ئارتۇق خىزمەت ئىشلىگەن خىزمەتچى خادىم بولۇشى قاتارلىق شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك (ئوخشىمىغان كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئۇدا خىزمەت ۋاقتى قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ).

  تەپسىلاتىنى شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى (http://www.xjrs.gov.cn) دىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر