خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-سېنتەبىر، ئىشچىلار لوپنۇر ناھىيەسى دائىرىسىدىكى ئۆگەن-تارىم دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، كۆۋرۈكنىڭ لىمىنى قويماقتا. ئۆگەن-تارىم دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 150 مېتىر، تۆت سۈڭگۈچلۈك T شەكىللىك قىلىپ لايىھەلەنگەن، پىلان لايىھەسىگە ئاساسلانغاندا، گولمود-كورلا تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكى تارىم دەرياسىنى ئۈچ قېتىم كېسىپ ئۆتىدۇ. گولمود-كورلا تۆمۈريولى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ياسىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، جۇڭگو تۆمۈريول 1-ئىدارىسى گولمود-كورلا تۆمۈر يولى شىنجاڭ بۆلىكى رېلىس ياتقۇزۇش تۈر بۆلۈمى ھازىرغىچە 96 كىلومېتىر 860 مېتىر رېلىسنى ياتقۇزۇپ بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى