باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مائارىپقا ياردەم بىرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە

2017.09.27 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋىرى) يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغىلى بىر ئاي بولۇپ قالدى. ئاۋات ناھىيەسىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدىكى خىزمەتلەرگە ئاكتىپ كىرىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى ۋە پىسخىك خۇسۇسىيەتلىرىنى ياخشى ئىگىلەپ، مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

  ئاۋات ناھىيەسى ئايباغ يېزىسى تۆۋەنكى دولان كەنتىدىكى دۆلەت تىلى بالىلار يەسلىسىدە ئاقسۇ كۆچمە تېلېگراف شىركىتىدىن مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى ئەكبەر ئەنۋەر بالىلارغا دۆلەت تىلىدىن دەرس بېرىۋاتقىلى بىر يىل بولغان بولۇپ، بالىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالدى.

  ئاۋات ناھىيەسى ئايباغ يېزىسى تۆۋەنكى دولان كەنتى دۆلەت تىلى يەسلىسىدىكى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئەكبەر ئەنۋەر مۇنداق دېدى: مەن مائارىپقا ياردەم بىرىشكە كەلگەن بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بالىلارنى ياخشى كۆرۈمەن، مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىمەن. بالىلارغا دۆلەت تىلى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىستىقبالىغا پۇختا ئاساس سالىمەن. مەن بالىلار بىلەن بىللە ئويناپ، بىللە ئۇخلاپ، بىللە ئۆگىنىپ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەملەردىن بولۇپ چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن.

  ئاۋات ناھىيەسى يېڭىئېرىق يېزىسى ئارائايماق كەنتى دۆلەت تىلى يەسلىسىگە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مىللەت، دىن ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچى سۇلايمان مۇئەللىم مۇنداق دېدى: مەن ئىلگىرى ئاۋات ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ۋە بىر نەچچە قارار سىنىپ مۇدىرى بولغان، مول ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئىگە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى ئىدىم. بۇ قېتىم مائارىپقا ياردەم بەرگىلى كېلىپ، يىتتۈرۈپ قويغان نەرسەمنى قايتا تېپىۋالغاندەك ناھايىتى خۇش بولدۇم. بالىلار ماڭا بەك ئامراق، مەنمۇ بۇ يەردىكى بالىلارنى ئۆزۈمنىڭ بالىسىدەك ياخشى كۆرۈمەن. دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشىدىكى ئىلغار تەجرىبىلىرىمنى ئىشقا سېلىپ، بالىلارنىڭ تىل ئۆتكۈلىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولۇشىغا پۇختا ئاساس سالىمەن.

  ئاۋات ناھىيەسىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، بالىلار ياقتۇرىدىغان ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى پائال قوللىنىپ، تۈرلۈك بالىلار ئۇيۇنلىرىغا ئوقۇش-ئوقۇتۇش ئامىللىرىنى سىڭدۈرۈپ، بالىلارنىڭ دۆلەت تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يوقىرى كۆتۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر