- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تىرامپ ئامېرىكىغا سەككىز دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ كېلىشىنى چەكلىدى
2017.09.27 10:24 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 24-سېنتەبىر، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ساياھەت مەنئىي قىلىش يېڭى بۇيرۇقىغا ئىمزا قويدى. بۇ بۇيرۇققا ئاساسلانغاندا، سەككىز دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى ئامېرىكىغا كىرەلمەيدۇ.
تونۇشتۇرۇلىشىچە، بۇ يېڭى تۈزۈم 18 - ئۆكتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. ئىران، چاۋشيەن، چاد، لىۋىيە، سۇرىيە، ۋېنېسۇئېلا، يەمەن ۋە سومالىدىن ئىبارەت سەككىز دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى ئومۇميۈزلۈك ياكى قىسمەن چەكلىنىدىكەن. ئالدىنقى ساياھەت مەنئىي قىلىش بۇيرۇقىغا كىرگۈزۈلگەن سۇدان يېڭى تىزىملىككە كىرگۈزۈلمىگەن، يېڭى تىزىملىككە چاۋشيەن، ۋېنېسۇئېلا ۋە چاد قوشۇلغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر