باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2017.09.28 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 9-ئاينىڭ 27-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا مەركەز كارخانىلىرىنى قايتا تەشكىللەپ بىرىكتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، ئىسلاھات ئارقىلىق قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش؛ كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بولغان سىياسەت مەدىتى ۋە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەركەز كارخانىلىرى خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم غولى ۋە تايانچ كۈچى. 2013-يىلدىن بۇيان، ئالاقىدار تارماق ۋە مەركەز كارخانىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەز كارخانىلىرىنى قايتا تەشكىللەپ بىرىكتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونىڭ «بېيچې» («شىمال ئاپتوموبىل» گۇرۇھى كۆزدە تۇتىلىدۇ) بىلەن «نەنچې» («جەنۇب ئاپتوموبىل» گۇرۇھى كۆزدە تۇتىلىدۇ)، باۋشەن پولات-تۆمۈر گۇرۇھى بىلەن ۋۇخەن پولات-تۆمۈر گۇرۇھى قاتارلىق 32 كارخانىنى قايتا تەشكىللەپ بىرىكتۈرۈشتەك مۇشەققەتلىك ۋەزىپىنى تاماملاپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ئىچكى ئاپپاراتلار ۋە خادىملارنى زور دەرىجىدە قىسقارتىشنى مۇقىم، تەرتىپلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، قايتا تەشكىللەپ بىرىكتۈرگەندىن كېيىن كارخانا باشقۇرۇش تەننەرخى، تىجارەت تەننەرخىنى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىتىپ، تىجارەت ئۈنۈمىنى مۇقىم ئاشۇردى، 2016-يىلى قايتا تەشكىللەپ بىرىكتۈرگەن كارخانىلارنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 2012-يىلدىكىدىن %40 ئاشتى. كېيىنكى قەدەمدە، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بازار قانۇنىيىتىنى ھۆرمەتلەپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، قايتا تەشكىللەپ بىرىكتۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، كارخانىلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىشى ئاساسىدا، «بىرى پىشىپ يېتىلسە، بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، جابدۇقچىلىق، كۆمۈر، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خەۋەرلىشىش، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى مەركەز كارخانىلىرىنى قايتا تەشكىللەپ بىرىكتۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىق تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، «ئالاقە تورى +»، «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» سۇپىسى قۇرۇش قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ماس يېڭىلىق يارىتىش، كىرىشىپ تەرەققىي قىلىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، سۇپا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈكنى قايتا تەشكىللەش، پاي ھوقۇقىدا ھەمكارلىشىش، مۈلۈك ئالماشتۇرۇش، ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاق تۈزۈش، بىرلەشمە ئېچىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، بايلىقنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە كارخانىلار ۋە كارخانىلارنىڭ ئاساسلىق كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش ۋەزىپىسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش قاتلىمى ۋە قانۇنىي ئىگىنى داۋاملىق ئازلىتىپ، ئورۇقلاپ ساغلام بولۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسلىق كەسىپنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. «مۇردا كارخانىلار»نى بىر تەرەپ قىلىش ۋە زىيان تارتقان كارخانىلارنى تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كارخانىلارنىڭ چېكىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارلاشقان، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان قەرزگە سۇندۇرۇلغان پاي چېكىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق مەبلەغ توپلاپ مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرغاندا ئىش ئورنىدىن قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بەشىنچى، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپىتاللارنى مەركەز كارخانىلىرىنى قايتا تەشكىللەپ بىرىكتۈرۈشكە قاتنىشىشقا پائال يېتەكلەپ، قايتا تەشكىللەپ بىرىكتۈرۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىچكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر