باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستاندا A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام يۇقۇمىدا 1741 ئادەم قازا قىلدى

2017.09.27 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام يۇقۇم ئەھۋالى ھىندىستاندا قايتىدىن باش كۆتۈردى. ھىندىستان سەھىيە ۋە ئائىلە پاراۋانلىق مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ھىندىستاندا مەملىكەت بويىچە 34009 قېتىملىق A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام يۇقۇمى دوكلات قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە 1741 ئادەم قازا قىلغان.

  «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» 26-سېنتەبىر سەھىيە ۋە ئائىلە پاراۋانلىق مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكامدا ئۆلگەنلەر سانى ئەڭ كۆپ بولغىنى ماخاراشترا ئىشتاتى بولۇپ، 568 ئادەم قازا قىلغان؛ ئىككىنچىسى گۇجارات ئىشتاتى بولۇپ 413 ئادەم قازا قىلغان. بۇ ئىككى ئىشتاتتىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ئايرىم-ئايرىم 5191 نەپەر ۋە 6994 نەپەر بولدى، دېدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىدا 2755 كىشىنىڭA تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 16 ئادەم قازا قىلغان.

  ئېلان قىلىنغان دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان 2015 ـ يىللىق كېسەللىك مىسالى سانىغا يېقىنلاپ قالغان. ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ھىندىستاندا 2015-يىلى جەمئىي تەخمىنەن 42 مىڭ كىشىنىڭ A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغانلىقى دوكلات قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە، 3000غا يېقىن كىشى قازا قىلغان. 2016-يىلى 1786 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى دوكلات قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە 265 كىشى قازا قىلغان.

  ھىندىستان سەھىيە تارمىقى ئەمەلدارىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ماخاراشترا ئىشتاتىغا ئەۋەتىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. شۇ جايدىكى دوختۇرلار A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىدا ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن گۇمانلانماقتا. بۇنداق ۋىرۇس ئەڭ دەسلەپتە ھايۋانات ئارقىلىق ئادەمگە يۇقىدىغان بولۇپ، ھازىر ئادەمدىن ئادەمگە يۇقماقتا.

  بۇ A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام بىر خىل ئۆتكۈر، يۇقۇملۇق نەپەس ئەزالىرى كېسەللىكى بولۇپ، ئۇنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى تۇيۇقسىز يۆتىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش، ھوشسىزلىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىل تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇملىنىشى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ كۈز، قىش پەسلىدە كۆپ يۈز بېرىدۇ، يىل بويى تارقىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر