باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا سۇلياۋ يوپۇقسىز كېۋەز ئۆستۈرۈشتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى

چىگىتلىك پاختىنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى 365 كىلوگىرامدىن ئاشتى، «ئاق رەڭلىك بۇلغىنىش» ئۈزۈل-كېسل ھەل قىلىندى

2017.09.28 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جۇڭگو ئۇرۇقچىلىق جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن يوپۇقسىز كېۋەز ئۆستۈرۈش نەق مەيدان يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى كېۋەز تەتقىقات ئورنى تەشكىللەپ يولغا قويغان سۇلياۋ يوپۇقسىز كېۋەز ئۆستۈرۈشتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىنغان، يېڭى سورت «جۇڭگو كېۋىزى __ 619»نى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆپ جايلاردا سۇلياۋ يوپۇقسىز ئۆستۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش سىنىقى نەتىجىلىك بولۇپ، كېۋەز ئېتىزلىقىدىكى قالدۇق سۇلياۋ يوپۇق بىلەن بۇلغىنىشنى تېخنىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىشتا ھالقىلىق ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن.

  شىنجاڭ مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كېۋەز تېرىش كۆلىمى 20 مىليون مودىن ئاشىدۇ. بۇ، شىنجاڭدىكى ئومۇمىي كېۋەزلىك كۆلىمىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.

  جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى كېۋەز تەتقىقات ئورنى تاللاپ يېتىشتۈرۈپ چىققان «جۇڭگو كېۋىزى __ 619» ئالاھىدە بالدۇر پىشىدىغان، شورغا چىداملىق، تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا چىدامچان بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، سۇلياۋ يوپۇق ياپمىغان ھالەتتىمۇ يەنە تېز سۈرئەتتە بىخلىنىپ مايسا چىقىرالايدۇ، مايسا چىقىرىش ۋە مايسىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ ئۆستۈرۈش ھالىتىدىكىدىن كۆپ پەرق قىلمايدۇ، شۇڭا سۇلياۋ يوپۇقسىز پاختا تېرىشتىمۇ بالدۇر پىشىش، مول ھوسۇل ئېلىش، مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان، شىنجاڭدا سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ كېۋەز تېرىش تېخنىكىسى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلدى، بۇنىڭ بىلەن پاختا مەھسۇلات مىقدارى زور كۆلەمدە ئاشتى. بۇ تېخنىكىلىق كەسىپ ئىچىدە «ئاق ئىنقىلاپ» دەپمۇ ئاتالدى. بىراق سۇلياۋ يوپۇق مىقدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، سۇلياۋ يوپۇق تۇپراق قۇرۇلمىسىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلدى، «ئاق ئىنقىلاپ» ئاستا-ئاستا «ئاق رەڭلىك بۇلغىنىش»قا ئايلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر