باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقنى مەركەز قىلىدىغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، خەلقنىڭ روھىنى ئۇرغۇتايلى

2017.09.28 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بەرگەندە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى «بەش بىر قۇرۇلۇش» يولغا قويۇلغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئىجاد قىلىشنى نىشان قىلىپ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، بەدىئىي جەھەتتە كامالەتكە يەتكەن، نادىر ئىشلەنگەن زور بىر تۈركۈم ئەسەرلەر مەيدانغا كېلىپ، مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىجاد قىلىش، ۋۇجۇتقا چىقىرىشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى ۋە داڭلىق ماركىغا ئايلىنىپ، خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر ئارقىلىق كىشىنى روھلاندۇرىدىغان مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەدەبىيات-سەنئەت دەۋر تەرەققىياتىنىڭ بۇرغىسى. ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى خەلقنى مەركەز قىلىدىغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە، «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» يۆنىلىشىدە، «بارچە گۈللەر تەڭ ئېچىلىش، بارچە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش» فاڭجېنىدا، ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇش، تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، قېتىرقىنىپ تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالدۇرىدىغان ئىرادە بىلەن ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالغىدەك ئەسەرلەرنى يارىتىپ، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئۈزلۈكسىز ئىجاد قىلىپ ۋە ۋۇجۇتقا چىقىرىپ، خەلقنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىنى يېزىپ ۋە خاتىرىلەپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، جۇڭگونىڭ ئوبرازىنى نامايەن قىلىپ، جۇڭگو روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، خەلقنىڭ روھىنى ئۇرغىتىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر