باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمىدا سەككىز كۈن ئۇلاپ دەم ئېلىنىدۇ

ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى ئۆستۈرۈلدى

2017.09.29 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىلقى دۆلەت بايرىمىلىق «ئالتۇن ساياھەت ھەپتىلىكى» دېھقانلار كالېندارى بويىچە تاۋۇز چاغىنىغا ئۇلىشىپ كېلىپ، ئۇدا سەككىز كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان بولدى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققىنى ھېسابلاشتىمۇ ھەم يېڭى ئۆزگىرىش بولدى. ئەگەر سەككىز كۈنلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا تولۇق ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، ئورۇنلارمۇ يەنە تولۇقلاپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرمىسە، شاڭخەيدىكى ئەمگەكچىلەر ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 2115 يۈەن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى ئالالايدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن «ئالتۇن ھەپتىلىك»تىكى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققىنىڭ «ئەڭ يۇقىرى رېكورتى» يارىتىلدى.

  «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2017- يىللىق قىسمەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»غا ئاساسەن، 10-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە جەمئىي سەككىز كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3- كۈنىگىچە بولغان ئۈچ كۈن دۆلەت بايرىمىلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش بولىدۇ، 4-كۈنى تاۋۇز چاغىنىلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنى بولىدۇ.

  ئالاقىدار قانۇن–نىزاملارغا ئاساسەن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار 10-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە ئەمگەكچىلەرنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان بولسا، ئەمگەكچىلەرنىڭ كۈنلۈك ياكى سائەتلىك ئىش ھەققىنىڭ %300تىن تۆۋەن بولمىغان ئايرىم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشى بېرىلىشى كېرەك؛ 10-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەكچىلەرنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان بولسا، ئەمگەكچىلەرنى تولۇقلاپ دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەنلىك مائاشىنى بەرمىسىمۇ بولىدۇ، ئەگەر تولۇقلاپ دەم ئېلىش بېرىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئەمگەكچىلەرنىڭ كۈنلۈك ياكى سائەتلىك ئىش ھەققىنىڭ %200تىن تۆۋەن بولمىغان ئايرىم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشى بېرىلىشى كېرەك.

  ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشنى ھېسابلاشتا، ئوتتۇرىچە كۈنلۈك ئىش ھەققى ھەر ئايدا 21.75 كۈن بولغان مائاش ھېسابلاش كۈن سانىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىنىدۇ، سائەتلىك ئىش ھەققى بولسا كۈندىلىك ئىش ھەققى ئاساسىدا سەككىز سائەتكە بۆلۈپ ھېسابلىنىدۇ. ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققىنى ھېسابلاش تۈپ سانىنى بېكىتىشتە، ئەمگەك توختامىدا ئىش ھەققىنى ئېنىق پۈتۈشكەن بولسا، ئەمگەكچى تۇرۇشلۇق ئىش ئورنىغا ماس مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىق بويىچە بېكىتىلىشى كېرەك. ئەمگەك توختامىدا ئىش ھەققىنى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، كوللېكتىپ توختامدا پۈتۈشكەن بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن ھېچقانداق پۈتۈم تۈزمىگەن بولمىسا، مەزكۇر ئەمگەكچىنىڭ ئىش ئورنىدىكى نورمال ئىشقا چىقىش ئايلىق مائاش كىرىمىنىڭ %70ى بويىچە بېكىتىلىدۇ.

  بۇ يىل 4-ئايدىن باشلاپ شاڭخەيدە ئىجرا قىلىنغان ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 2300 يۈەن بويىچە ھېسابلىغاندا، ئەمگەكچىلەر 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4- كۈنىگىچە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىسە، ھەر كۈنلۈك ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشى ئاز دېگەندە 317 يۈەن بولىدۇ. ئەگەر تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمىلىق سەككىز كۈنلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا تولۇق ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىسە، ئورۇنلارمۇ تولۇقلاپ دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرمىسا، چوقۇم ئاز دېگەندىمۇ 2115 يۈەن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى بېرىشكە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر