- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ھەر دەرىجىلىك پارتىيە گېزىتلىرىنى ۋېدىيو ئارقىلىق تارقىتىپ چۈشەندۈرۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ
خەلق تورىنىڭ «كۈندە پارتىيە گېزىتى ئوقۇش» پىروگراممىسى يولغا قويۇلدى
2017.09.29 16:12 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، خەلق تورىنىڭ ۋېدىيو پىروگراممىسى «پارتىيە گېزىتىنى كۈندە ئوقۇش (1-قىسمى)» توردا كۆرسىتىلدى.
تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، «كۈندە پارتىيە گېزىتى ئوقۇش» ئالاقە تورىدا تارقىتىش شەكلى ئارقىلىق، شۇ كۈنلۈك «خەلق گېزىتى» ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە گېزىتلىرىگە تەدرىجىي چۈشەنچە بېرىپ ۋە مەزمۇنلىرىنى كېڭەيتىپ، پارتىيە گېزىتىنىڭ قەغەز نۇسخىسى، ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى ۋە ۋېدىيو نۇسخىسىنىڭ بىرلىشىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تاراتقۇلارنىڭ ھەقىقىي سىڭىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تورداشلارنىڭ خەۋەر ئوقۇشى، جۇڭگونى تونۇشى ۋە جاھاننىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەردار بولۇشىغا شارائىت ھازىرلايدۇ.
ئىگىلەشكە قارىغاندا، پىروگرامما «بۈگۈندىكى تېز خەۋەرلەر»، «پارتىيە گېزىتىنى ئوقۇپ چۈشەندۈرۈش»، «يەرلىك پارتىيە گېزىتلىرىدىكى باش مۇھەررىر ئۇلانما خەۋىرى»، «تارىختىكى بۈگۈنكى خەلق گېزىتى»، «داڭلىقلارنىڭ گېزىت ئوقۇشى» قاتارلىق كۆپ ھالقىلار ئارقىلىق تەقلىدىي تېخنىكا ياردىمى، ئالاھىدە ھەرىكەتلىك تەسۋىر، چوڭ سانلىق مەلۇماتنى ئانالىز قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، پارتىيە گېزىتىنى كۆپ تەرەپلىمىلىك نامايان قىلىدىكەن ۋە چۈشەندۈرىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر