خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 28-كۈنى، چىڭداۋدىكى دېڭىز شال تەتقىقات مەركىزىدە، خادىملار دېڭىزدا ئۆستۈرۈلگەن شالدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ دان ئايرىماقتا. سېنتەبىرنىڭ ئالتۇن كۈزدىكى خۇاڭخەي دېڭىزى قىرغىقىدا، تۇزلۇق سۇدا ئۆستۈرۈلگەن بىر پارچە ئالاھىدە شاللىقتا باشاقلار باشلىرىنى كۆتۈرەلمەي قالدى. بۇ، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، «شالغۇت شال ئاتىسى» يۈەن لۇڭپىڭ باشچىلىقىدىكى تېخنىكا گۇرۇپپىسى يېتىشتۈرگەن يېڭى بىر تۈركۈم «دېڭىزدا ئۆستۈرۈلگەن شال»دۇر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى