باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئورگىنى قانۇن مەسلىھەتچىسى ۋە ھۆكۈمەت ئادۋوكاتى تۈزۈمى ئورناتتى

2017.09.28 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى ئورگان يىغىنى ئېچىپ، قانۇن مەسلىھەتچىسى ۋە ھۆكۈمەت ئادۋوكاتى تۈزۈمى ئورنىتىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تۇنجى تۈركۈمدىكى قانۇن مەسلىھەتچىسى ۋە ھۆكۈمەت ئادۋوكاتلىرىغا تەكلىپنامە ۋە گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئورگىنىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى ۋە ھۆكۈمەت ئادۋوكاتى تەسىس قىلىشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش» خىزمىتىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى، بەنگۇڭتىڭنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، بەلگىلىمە بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى. «تۆت ئاڭ»نى پۇختا ئورنىتىپ، قانۇن مەسلىھەتچىسى ۋە ھۆكۈمەت ئادۋوكاتى تەسىس قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، بولۇپمۇ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان «قانۇن مەسلىھەتچىسى تۈزۈمى ۋە ھۆكۈمەت ئادۋوكاتى، شىركەت ئادۋوكاتى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، باشقۇرۇش چارىسى ۋە يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى شارائىت ھازىرلاپ، قانۇن مەسلىھەتچىسى ۋە ھۆكۈمەت ئادۋوكاتىنىڭ «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش» ئىشلىرىدىكى مۇھىم رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئورگىنى تۇنجى تۈركۈمدە دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنچىلىق ساھەسىدىكى داڭلىق مۇتەخەسسىسلەرنى ئىككى يىللىق قانۇن مەسلىھەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر