- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
باشقا جايدا داۋالانغانلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىشتا «يۇقىرى سۈرئەتلىك يول» ئېچىلدى
2017.09.28 15:43 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى يېقىندا، مەملىكىتىمىزدە ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش كېسەلخانا خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى»نىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىر تۇتاش غەملەيدىغان بارلىق رايونلار تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىشتا كېسەلخانا خىراجىتى بىۋاسىتە راسچوت قىلىنىدىغان، بەلگىلىنىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن 7226سى تەسىس قىلىندى، مەملىكەت بويىچە ئۈچىنچى دەرىجىلىك بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلارنىڭ %88تى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش تورىغا ئۇلاندى. ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىشتا ئالدىن تۆلەشكە زۆرۈر بولغان 880 مىليون يۈەن مەبلەغ توپلىنىپ، شەرتكە چۈشىدىغان سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار «پۇلنى ئۆز يېنىدىن تۆلەش»، «پۇل تېپىش ئۈچۈن ھەر تەرەپكە قاتراش» بىلەن خوشلاشتى.
سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلاردىن شەرتكە چۈشىدىغانلىرى بەلگىلىمە بويىچە ئەنگە ئالغۇزۇپ، ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئادا قىلغان بولسىلا، ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىشتا كېسەلخانا ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. باشقا جايدا داۋالىنىش تۈرى جەھەتتە، نۆۋەتتە ئاساسلىقى تۆت تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: يەنى باشقا جايدا تۇرۇۋاتقان پېنسىيەگە چىققانلار، باشقا جايدا ئۇزاق مۇددەت تۇرۇپ قالغانلار، باشقا جايدا دائىملىق تۇرۇپ خىزمەت ئىشلەيدىغانلار، باشقا جايغا يۆتكىلىپ داۋالىنىدىغانلاردىن ئىبارەت.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر