باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ۋە رۇسىيە بىرلىكتە «كائىنات بوشلۇقى دەرۋازىسى» ئالەم پورتى قۇرۇپ چىقماقچى

2017.09.28 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى 27- سېنتەبىر رۇسىيە فېدىراتسىيە ئالەم قاتنىشى ئاپپاراتى بىلەن قوشما بايانات ئىمزالاپ، ئاي شارى ئوربىتىسىدا ئالەم بوشلۇقى پورتى قۇرۇپ، «كائىنات بوشلۇقى دەرۋازىسى» ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا قوشۇلدى.

  ئىككى تەرەپ ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 68-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئالەم قاتنىشى چوڭ يىغىنىدا، بۇ قوشما باياناتنى ئىمزالىدى.

  ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ بىرلەشمە بايانات ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ۋە رۇسىيە ئالەم قاتنىشى گۇرۇھى شىركىتىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى. ئىككى ئاپپارات، شۇنداقلا خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىنىڭ باشقا ھەمراھلىرى ‹كائىنات بوشلۇقى دەرۋازىسى> نى ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش رامكىسىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەركىبىي قىسمى دەپ قارايدۇ».

  كىچىك سەييارىلەردىن پايدىلىنىپ ئىزدىنىشنى مارسقا چىقىشتىكى «سەكرەش» لايىھەسى قىلىشتىن ۋاز كەچكەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى بۇ يىل 3-ئايدا ئاي شارىنىڭ ئوربىتاسىدا «كائىنات بوشلۇقى دەرۋازىسى»دىن ئىبارەت ئالەم پورتى بەرپا قىلىش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تەسەۋۋۇر بويىچە، ئالەم پورتى قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كېيىن، تۇتاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلاپ، ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزى ۋە چوڭقۇر بوشلۇق مەنزىلىگە بارىدىغان مۇھىم يول ئېغىزى قىلىشقا بولىدۇ.

  ماھىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، «كائىنات بوشلۇقى دەرۋازىسى» ئالەم پورتى خۇددى بىر كىچىك تىپتىكى خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا ئوخشايدۇ، ئەمما ئىچىدە كىشىلەر دائىملىق تۇرمايدۇ ھەم خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغان ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، ئوربېتىنى ئۆرلىتىپ ۋە چۈشۈرەلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر