خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭ كۆرگەزمىخانىسىغا بېرىپ، «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل» تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى قالتىس بەش يىل بولدى. بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە ۋە ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، قەيسىرانە كۈرەش قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا، خەلق تۇرمۇشىنىڭ كۆرىنەرلىك ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى جانلىق ئەمەلىيەت، زور مۇۋەپپەقىيەت، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئاساسىي مىلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىشلارنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى 100 يىل» كۆرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۆرەش قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار بېيجىڭ كۆرگەزمىخانىسىغا كېلىپ، كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. كۆرگەزمىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى ئاساسىي لىنىيە قىلىنغان بولۇپ، 10 ئاساسىي مەزمۇنلۇق كۆرگەزمە رايونى ۋە بىر ئالاھىدە تەسىرات رايونى لايىھەلەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، كۆپ ۋاسىتىلىق ۋە فوتوئېلېكتىرلىق تېخنىكىلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «بەش بىرگەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر جانلىق نامايان قىلىنىپ، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يۈكسەك ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئاجايىپ ئىقتىدارى، خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر ۋە ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، شۇنداقلا كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋالىدىغان ياخشى روھىي قىياپىتى ئىپادىلەنگەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى