باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان تۇنجى ئالاھىدە تېز پويىز يول يۈردى

2017.09.25 13:57         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  21-سېنتەبىر سائەت 17:51 ئۆتكەندە Z6519-قېتىملىق ئالاھىدە تېز پويىز ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن غۇلجىغا قاراپ يول ئېلىپ، سائەت 21:52 ئۆتكەندە غۇلجىغا يېتىپ باردى. پۈتۈن مۇساپىنى تاماملاشقا 5 سائەت كەتتى. بۇ غۇلجا شەھىرىنىڭ مەركىزىي شەھەرنى مەركەز قىلغان 5 سائەتلىك قاتناش چەمبىرىكى دائىرىسىگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، تۆمۈريول لىنىيەسىدە ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا ئەڭ تېز بولغاندا 5 سائەت 58 مىنۇتتا يېتىپ بارغىلى بولاتتى.

  21-سېنتەبىر مەملىكەت بويىچە تۆمۈريوللاردا يېڭى يۈرۈش خەرىتىسى يولغا قويۇلدى، شىنجاڭ تۆمۈريولى ماس قەدەمدە يولۇچىلار قاتناش خەرىتىسىنى بۇ يىللىق 7-قېتىم تەڭشىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە ئالاھىدە تېز پويىز قاتناپ، ئۈرۈمچى بىلەن غۇلجا ئارىلىقىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشى ئەڭ يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان بۇ ئالاھىدە تېز پويىز پەقەت ئۈرۈمچى، شىخەنزە، كۇيتۈن، غۇلجىدىن ئىبارەت 4 بېكەتتىلا توختايدىكەن. بېلەت باھاسى جەھەتتە ئۆزگىرىش بولمىغان بولۇپ، قاتتىق كارىۋات، يۇمشاق ئورۇندۇق ۋە قاتتىق ئورۇندۇقلارنىڭ باھاسى ئايرىم ھالدا 144 يۈەن، 128 يۈەن ۋە 81 يۈەن ئىكەن. نۆۋەتتە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان، شىخەنزە، كۇيتۈن، غۇلجا، ئالتاي قاتارلىق جايلارنى قاپلىغان 1 سائەتلىك، 3 سائەتلىك، 5 سائەتلىك ۋە 12 سائەتلىك قاتناش چەمبىرىكىنى تەدرىجىي بەرپا قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى بىلەن شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەر ئارىلىقى يېقىنلاپ، شەھەرلەر ئارا ئىقتىساد، سودا، ساياھەتچىلىك بايلىق ئەۋزەللىكىدە ئۆزئارا تولۇقلاش ۋە ماس تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر