باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مائارىپ تۈزۈلمە-مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2017.09.25 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «مائارىپ تۈزۈلمە-مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە ۋە دۆلەت مائارىپ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مائارىپنى ئاۋۋال راۋاجلاندۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ساھەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرىگە، يېتەكلەش خاراكتېرىگە ئىگە ئىسلاھات تەدبىرلىرىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىلدى، مائارىپنىڭ جامائەت مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە مائارىپ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تۈزۈمى سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى، دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ ئومۇمىي تەرەققىيات سەۋىيەسى دۇنيانىڭ ئوتتۇرىھالدىن يۇقىرىراق قاتارغا ئۆتۈپ، 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپرەك خەلق تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ باراۋەر بولغان مائارىپقا ئىگە بولدى، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، جەمئىيەت ئىناقلىقى ئۈچۈن كۈچلۈك تىرەك بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ ئىشەنچى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. مائارىپ تۈزۈلمە-مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-، 5-، 6-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپنى خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلى، مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مائارىپنى مائارىپ قانۇنىيىتى ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتلەردە تولۇق يېتىشكەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى كۈچەپ تەربىيەلەپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر