باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«مۇرەككەپ ئالامەتلەردىن ئىسلاھاتنىڭ تومۇرىنى پەملەيلى» دېگەن تەپسىلىي خەۋەر

2017.09.22 17:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ 2013-يىلى 7-ئايدا خۇبېي ئۆلكىسىگە بېرىپ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسى ۋە نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ھەرىكەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شۇ يىلى 8-ئايدا، باش شۇجى يەنە لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ داليەن، شېنياڭ قاتارلىق جايلىرىغا بېرىپ خىزمەت تەكشۈرۈپ، كونا سانائەت بازىسىنى تەڭشەپ ئۆزگەرتىش ھەم گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. 2014-يىلى 5-ئايدا، باش شۇجى يەنە شاڭخەي ئەركىن سودا رايونىغا بېرىپ خىزمەت تەكشۈردى.

  باش شۇجى بارغانلىكى يېرىدە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، بۇ جايلاردىكى ئىسلاھاتلارنىڭ ئىلگىرىلىشى قانداق بولدى؟ ئىسلاھات دۇچ كەلگەن خىرىسقا جايلار قانداق تاقابىل تۇردى ھەم ھەل قىلدى؟ ئەمدى «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى ئۈچۈن» دېگەن يۈرۈشلۈك تەپسىلىي خەۋەرنىڭ «مۇرەككەپ ئالامەتلەردىن ئىسلاھاتنىڭ تومۇرىنى توغرا پەملەيلى» دېگەن قىسمىنى ئاڭلىتىمىز.

  ئىشچىلار «باش شۇجى، بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىز سىز بىلەن سۈرەتكە چۈشۈش» دېدى، شى جىنپىڭ «ئۇنداقتا بىللە سۈرەتكە چۈشەيلى» دېدى. بۇ-باش شۇجى شى جىنپىڭ 2013-يىلى 8-ئايدا داليەندە خىزمەت تەكشۈرگەندە، يېغىۋاتقان يامغۇردا ئىشچىلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن كۆرۈنۈش. باش شۇجى ھەر بىر بارغان يېرىدە، چىقىشقاق، مۇلايىم پەزىلىتى بىلەن ھەمىشە يەرلىكتىكى كادىرلار ۋە ئاممىدا ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇردى.

  باش شۇجى مۇنداق دېدى: ئىشچىلار-ئېلىمىزنىڭ دۆلەت قۇرۇش ئاساسى، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش روھىنى كۈچلۈك نۇرلاندۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلىرىمىزنى تەتقىق قىلىپ ۋە ئىشلەپچىقىرىپ، ئۆزىمىزنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىمىزنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك، ئىشچىلار سىنىپى بۇ تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

  باش شۇجىنىڭ ۋۇخەن ئېغىر ماشىنا شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا قىلغان سۆزى باش شۇجىنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان ئىشچى ئۇستاملارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ۋۇخەن يېڭى پورت باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ لىن مۇنداق دېدى: 2013-يىلى 7-ئايدا، باش شۇجى يېڭى پورتىمىزغا كېلىپ خىزمەت تەكشۈرگەن كۈنى ۋۇخەندە يامغۇر ياغقان ئىدى، باش شۇجى يامغۇردا تۇرۇپ دوكلاتنى ئاڭلىغان. باش شۇجى پورت رايونىغا كېلىپ، پۇشقىقىنى تۈرۈپ كۈنلۈكنى ئۆزى كۆتۈرۈپ، پورتنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، بۇنى كۆرگەن بارلىق يولداشلار بەك تەسىرلەندى، بۇ-بىزگە بولغان ئۈلگە ھەم تۈرتكە.

  شۇ چاغدا نەق مەيداندا تۇرغان بىر يولداش مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا، باش شۇجى بىر قولىدا كۈنلۈكنى كۆتۈرۈپ، بىر قولىدا ئىشچىلار بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، پورت، سۇ قاتنىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىدى. باش شۇجى يامغۇردا ئون مىنۇتتەك تۇردى، ئاق كۆڭلىكى يامغۇردا ھۆل بولۇپ كەتتى. باش شۇجى ناھايىتى چىقىشقاق، مۇلايىم ئىكەن. بۇنىڭ ئالدىدا، بىز بەك جىددىيلىشىپ كەتكەن ئىدۇق، لېكىن باش شۇجى بىلەن رەسمىي پىكىر ئالماشتۇرغاندا، بىز ئادەتتىكىدەك ناھايىتى تەبىئىي پاراڭلاشتۇق، مەنمۇ شۇ كۈنى ئۆزۈمنى بەك تەبىئىي ھېس قىلدىم.

  باش شۇجى 2014-يىلى 5-ئايدا، شاڭخەي ئەركىن سودا رايونى ۋەيگاۋچياۋ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت زالىنى كۆزدىن كەچۈردى، مۇلازىمەت كۆزنىكىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ ليەنفېڭ شۇ چاغدا بىر شىركەتنىڭ كىنىشكە بېجىرىش ئىشنى قىلىۋاتاتتى. باش شۇجى كارخانىلارنىڭ كىنىشكە بېجىرىش ئۈنۈمىنىڭ قانداقلىقى ھەققىدە ۋاڭ ليەنفېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ئەينى چاغدا باش شۇجىغا ئەركىن سودا رايونىمىز-مەملىكەت بويىچە ئەڭ بۇرۇن دەسمايىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ باج تاپشۇرۇشنى يولغا قويغان جاي دەپ تونۇشتۇردۇم، ئۇ مېنىڭ گېپىمنى توختىتىپ تۇرۇپ، مەندىن بىر سوئال سورىدى، ھازىر ئويلىسام، باش شۇجى ئەينى چاغدا ھەقىقەتەن بەك يىراقنى كۆرۈپتىكەن.

  شاڭخەي ئەركىن سودا رايونى-ئېلىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تۇنجى ئەركىن سودا سىناق رايونى، شى جىنپىڭ بۇ يەردە خىزمەت تەكشۈرگەندە، شاڭخەي ئەركىن سودا رايونى-زور سىناق ئېتىزى، ئەلا سورتلۇق ئۇرۇقنى تېرىپ، ئەستايىدىل پەرۋىش قىلىپ، ياخشى ھوسۇل ئېلىشقا تېرىشىش ھەم ئەلا سورت يېتىشتۈرۈش تەجرىبىسىنى كېڭەيتىش كېرەك دەپ تەلەپ قىلدى. مۇلازىمەت زالىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ ليەنفېڭ مۇنداق دېدى: كارخانىلارنىڭ سودا-سانائەت جەھەتتىن تىزىملىتىشىدا، بىز ئەينى يىلىدىكى تۆت كىنىشكىنى بىرگە ئىخچاملاشتىن ھازىر يەتتە كىنىشكىنى بىرگە ئىخچاملايدىغان بولدۇق. پۈتۈن مەملىكەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھازىر ئەركىن سودا رايونىدا كارخانا قۇرۇشتا، بىزنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىمىز يەنىلا ئەڭ يۇقىرى، ئەڭ تېز، ئەڭ قولاي.

  بىر سايلىقتا قەد كۆتۈرۈگەن يېڭى شەھەر چيەنخەيدىن مىنتەي، ئىگىلىك تىكلەش توپلاشقان پىڭتەنگىچە، ئۇنىڭدىن دادىل بۆسۈپ ئۆتۈپ، يۈرەكلىك سىناق قىلىپ، مۇستەقىل ئۆزگەرتىشكىچە بولغان جەرياندىكى شاڭخەيدە باش شۇجىنىڭ ئىزلىرى دېڭىز ياقىسىدىن ئىچكى جايلارغىچە قالدى، ئۇنىڭ ئىشلارنى تاپىلىغان جاراڭلىق ئاۋازى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدى. ئىشچى ما چاڭخاۋ مۇنداق دېدى: باش شۇجى، سىزگە كۆپ رەھمەت! ئەينى چاغدا سىز بىز ئىشچىلارنىڭ ئارىسىغا كېلىپ، بىزگە مەدەت بەرگەن ئىدىڭىز. مەن ھازىر ئۇستا بولۇپ يېتىشىپ چىقتىم، يەنە گۇرۇھىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تايانچىغا ئايلاندىم، كەلگۈسىدە ئىشچى مۇتەخەسسىس بولۇشقا تېرىشىمەن، مەن چوقۇم ئۆزۈمنىڭ تېرىشچانلىقى ۋە نەتىجىسى ئارقىلىق، سىزگە جاۋاب قايتۇرىمەن.

  كىنىشكە بېجىرىش كۆزنىكىنىڭ خىزمەتچىسى مۇنداق دېدى: بۇ بىر نەچچە يىلدا، بىز باش شۇجىنىڭ ئەينى چاغدىكى تاپشۇرۇقىغا ئاساسەن، دۆلەت ئەركىن سودا رايونىغا چۈشۈرگەن بارلىق سىياسەتلەرنى ئاساسىي قاتلامنىڭ 1-سېپىدە تۇرۇپ ئەستايىدىل، پۇختا ئىجرا قىلىپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتى، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىنى ھەقىقىي ھالدا كارخانىلارنىڭ زېممىسىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېرىشىپ كەلدۇق.

  باش شۇجى مۇنداق دېدى: مۇرەككەپ شەيئى-ھادىسىلەردىن ئىسلاھاتنىڭ تومۇرىنى توغرا پەملەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى، بولۇپمۇ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مۇناسىۋىتى ئىگىلەپ، ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش زۆرۈر.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر