باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك كۈزلۈك ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى باشلىنىش ئالدىدا

2017.09.22 17:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك كۈزلۈك ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشچە، بۇ يىلقى كۈزلۈك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولغان، سېتىۋېلىش مىقدارى سەل يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلايدىكەن، سېتىۋېلىش ۋەزىپىسى يەنىلا ئېغىركەن. ئارا ۋە كەنجى شالنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى لايىھەسىنى يولغا قويۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرىكەن، قىسمەن ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ زاپاس مىقدارى سەل قىس بولۇپ، زاپاس ساقلاش بېسىمى سەل ئېغىر بولۇشى مۇمكىنكەن. كۆممىقوناق ۋە سېرىق پۇرچاقنى بازارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىش ۋەزىيىتى سەل ياخشىكەن بىراق قىسمەن تۇراقسىز ئامىللار مەۋجۇتكەن.

  دۆلەتلىك ئاشلىق ئىدارىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك ئاشلىق تارماقلىرى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، سىياسەتلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك. لايىھەدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئاشلىق مەنبەيى ۋە ئىسكىلات سىغىمىنىڭ تارقىلىشى بويىچە، سېتىۋېلىش نۇقتىلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئاشلىق سېتىشىغا قولايلىق يارىتىشى كېرەك. بازارنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، لايىھەنى يولغا قويۇش شەرتىگە ماس كېلىدىغانلىرىنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا تەرتىپ بويىچە تەستىقلاپ يولغا قويۇپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق ساتالماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى؛ تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ بازارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىشىنى پائال باشلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پىششىقلاپ ئىشلەپ ئۆزگەرتىشنى كېڭەيتىپ، شارائىتى بار كارخانىلارنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشىنى قوللاپ، قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاشلىق تونۇشتۇرۇش يىغىنى، ئىشلەپچىقىرىش-سېتىشنى ماسلاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، توشۇش ئىقتىدارىنى ماسلاشتۇرۇپ، توشۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى ئاشلىقنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر