باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2017.09.22 17:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا 74-قېتىملىق قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، «پاكىزە، دۇرۇس تور بوشلۇقى بەرپا قىلىش» نى چۆرىدىگەن ھالدا تەكلىپ-پىكىر بەردى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن چېن جىپىڭ، جۇ يۇڭشىن، گاۋ مېيچىن، ما لى، ۋاڭ چاڭجياڭ، لۇڭ يۈشياڭ، ليۇ چۈن، ۋاڭ جىلياڭ، بەي يەنسۇڭ، يەن ۋاڭجيا، لى جۇڭجيې، خې جېنشېڭ، پەن شياۋيەن، جاڭ شۇخۇا، خې چياڭ، ھەمدە مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن ما خۇاتېڭ، ساۋ شىچۈەن قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى.

  ئەزالار مۇنداق دەپ قارىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، بىر قاتار مۇھىم ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، ئېلىمىزنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ زور نەتىجىگە ئېرىشىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ھازىر ئىنتېرنت تورى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم تۈرتكىلىك كۈچىگە، پارتىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى مۇھىم كۆۋرۈككە، ئىجابىي كۈچ تارقىتىپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان ۋاسىتىگە ئايلاندى. جەمئىيەتكە، خەلققە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، تور بوشلۇقىنى تەرتىپكە سېلىشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارشى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيلىك نەتىجىلىرى بىلەن كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىپ، جەمئىيەتنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئىجابىي كۈچكە تولغان، ئاساسىي مىلودىيەسى كۆتۈرەڭكۈ تور مۇھىتى يارىتىپ، كەڭ تور ئەھلى بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەرگە پاكىزە، دۇرۇس تور بوشلۇقى يارىتىشمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر