خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 21-كۈنى، G1قېتىملىق «گۈللىنىش» ناملىق تېز پويىز بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدىن يولغا چىقتى. 9- ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت توققۇزدا، G1 قېتىملىق جۇڭگو ئۆلچىمىدىكى «گۈللىنىش» ناملىق دىنامىكىلىق پويىز گۇرۇپپىسى بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدىن يولغا چىقتى، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە سۈرئەتنى تېزلىتىپ، تۆت سائەت 28 مىنۇت ئۇچقاندەك يۈرۈش ئارقىلىق، شاڭخەي خۇڭچياۋ ۋوگزالىغا يېتىپ كەلدى. يولبويى «گۈللىنىش» ناملىق تېز پويىزنىڭ سائەتلىك ئەڭ تېز سۈرئىتى 355 كىلومېتىرغا يەتتى. 350 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن رەسمىي يۈرۈش دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول سودا تىرانسپورت سۈرئىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان دۆلەت بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى