خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ «خەلق» سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئۇچرىشىشىنى ساقلاش جۇڭگو بىلەن سىنگاپورنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرىنىڭ ياخشى ئەنئەنىسى، شۇنداقلا جۇڭگو-سىنگاپور مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇشنىڭ ئىپادىسى. زۇڭلى ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن سىنگاپورنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى