باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

خەلق گېزىتخانىسىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلدى

2017.09.20 13:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق گېزىتخانىسىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزى قۇرۇش مۇراسىمى 19- چېسلا گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دۇنخۇاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يىراق شەرق تەتقىقات ئورنى، فىرانسىيە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقاتى يۇرتى قاتارلىق داڭلىق خەلقئارالىق ئاقىللار ئامبىرى ۋە خەلقئارا تاراتقۇلىرىدىن كەلگەن 300دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە تاراتقۇلار ۋەكىللىرى مەزكۇر مەركەزنى قۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى. خەلق گېزىتخانىسىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئاخبارات ھەمكارلىق مەركىزى ۋە چېگرا ھالقىغان بىرلەشمە زىيارىتىنىڭ باشلاش مۇراسىمى شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلدى.

  مۇراسىمدا، خەلق گېزىتخانىسىنىڭ باشلىقى ياڭ جېنۋۇ باش بولۇپ، رومانوۋ ۋە شى رۈيدې قاتارلىق خەلق گېزىتخانىسىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزى چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىغا تەكلىپنامە تارقىتىپ بەردى. ئەنگلىيە، ئامېرىكا، رۇسىيە، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق 12 دۆلەتتىن كەلگەن 14 نەپەر خەلقئارادىكى داڭلىق مۇتەخەسسىس تۇنجى تۈركۈمدىكى چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولدى.

  خەلق گېزىتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى لۇ شىننىڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلق گېزىتى جۇڭگودا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، ئۇنىڭ خەۋەرلىرى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى كەڭ جامائەتچىلىك پىكرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، خەلق گېزىتخانىسىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزى شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىگە خاس تاراتقۇلار ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئىگە. خەلق گېزىتخانىسىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزى خەلقئارالىق چوڭ ۋەقەلەر، جۇڭگونىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، بىخەتەرلىكى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىگە چېتىشلىق بولغان مۇھىم تېمىلارنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، ئۇلار ئۈستىدە چوڭقۇر تەھلىل يۈرگۈزىدۇ ۋە بۇ ھەقتىكى سىياسەت تەتقىقاتىنى ئېلىپ بارىدۇ. جۇڭگو ئۈچۈن دۇنيانى چۈشىنىش زۆرۈر، دۇنيامۇ جۇڭگونى ھەقىقىي چۈشىنىشى كېرەك، خەلق گېزىتخانىسىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزى بۇنىڭ ئۈچۈن توختاۋسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن، قارالما تەسىس قىلغۇچى، ۋەزىيەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلغۇچى، سىياسەتلەرنى ھىمايە قىلغۇچى ۋە ئىدىيەنى تارقاتقۇچى بولۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر